دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك تەمىنلەش شىركىتى يېقىندا مېترو 1- لىنىيەسى ئۈچۈن مەخسۇس 70 تۈرلۈك توك ئىشلىتىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.
ئىگىلىشىچە، مېترو 1- لىنىيەسى ئۈچۈن يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن توك ئىشلىتىش نۇقتىسىدىن 70 ى بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى 52 نۇقتىدا توك سىمى ئۇلاش خىزمىتى ئاياغلاشقان. 18 نۇقتىدا نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە توك تەمىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى تاماملانغان، ھازىر توك سائىتى ئورنىتىلىۋاتىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھەر بىر قۇرۇلۇش نۇقتىسى ئۈچۈن مەخسۇس توك ئىشلىتىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، مەسئۇل دىرېكتور ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ شىركەت بىر قىسىم لىنىيەسى مۇرەككەپ، توك ئىشلىتىش مىقدارى يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇش ئورنىغا مەخسۇس خادىم ئەۋەتىپ مەسىلىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە ھەل قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مېترو 1- لىنىيەسى «ئۈچتاش» تىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتقىچە بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 26.5 كىلومېتىر ئىكەن. لىنىيە ئاساسىي شەھەر رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغانلىقى ئۈچۈن، لىنىيە بويىدا ئىدارە، مەھەللە كۆپ ئىكەن. شۇڭا مېترو قۇرۇلۇشى مەزگىلىدە نورمال توك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئاھالىنىڭ تۇرمۇشى ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بۇ شىركەت تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا، توك توختىتىش پىلانى، خەۋەرلىشىش لايىھەسى، توك تەقسىملەش لايىھەسى قاتارلىق كۆپ قېتىم مەخسۇس تېمىدا مەسلىھەت يىغىنى ئاچقان ھەمدە ھەل قىلىش لايىھەسىنى بېكىتكەن.
![]() |
يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تۆۋەندىكىدەك بەش خىل قىلمىشنى سادىر قىلسىڭىز، بىۋاسىتە 12 نومۇر تارتىلىدۇ.
1. باشلاش سىزىقىدا ماشىنا توختىتىش
باشلاش سىزىقى ئۈستىدىن ئاپتوموبىلنى ھ...
|
![]() |
ئەنخۇي فۇياڭدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان نۆۋەتچى پويىزدا، بىر يولۇچى بالىسى بىلەن ئويۇن ئويناۋاتاتتى
شۇ كۈنى مۇخبىر ئەنخۇينىڭ فۇياڭ ناھىيەسىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىققان ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved