مۇكاپات تارقىتىش پەسىلىنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جەمىيەتلەرنىڭ ئون نادىر فىلىم تىزىملىكىمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. يېقىندا، ئامېرىكا كىنو ئاكادىمىيەسى (AFI) يىللىق ئون نادىر فىلىم تىزىملىكىنى باھالىدى. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تېخى قويۇلمىغان «پىلانىتلار ئۇرۇشى 7» مۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. بۇ يەنە بىر نۇقتىدىن، فىلىمنىڭ كۈچلۈك تاماشا خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ۋەقەلىك، CGI ۋە رول تەرەپتە يامان ئەمەس ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
باشقا تىزىملىككە چىققان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى يىللىق قىزىق نۇقتىلىق فىلىم. «كارول»، «كامپىتوندىن چىقىش»، «مارسلىقلار»، «جاسۇسلۇق كۆۋرۈكى» ھەممىسى تىزىملىككە چىقتى. گەرچە بۇ تىزىملىكتە يېڭىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ھوللىۋودنىڭ يىللىق نادىر ئەسىرىنى تاللىدى. ئامېرىكا كىنو ئاكادىمىيەسىنىڭ يىللىق ئون نادىر فىلىمىنىڭ ئوسكار نامزاتى بىلەن ئۈستىمۇ-ئۈستى ماس كېلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر يۇقىرى، 2013-يىللىق AFI ئون نادىر فىلىم تىزىملىكىدە يەتتىسى ئەڭ ئاخىرىدا ئوسكارنىڭ ئەڭ نادىر فىلىم تىزىملىكىگە كىرگەن، 2012-يىللىق ئون نادىر فىلىم ئىچىدە سەككىزى ئوسكارنىڭ ئەڭ نادىر فىلىم تىزىملىكىگە كىرگەن. قىزىقارلىق بولغىنى، بۇ ئىككى يىللىق تىزىملىكنىڭ بىرىنچىسى «ئون ئىككى يىل قۇللۇق» ۋە «ئارگو» ئەڭ ئاخىرىدا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
تۆۋەندىكىسى AFI نىڭ 2015-يىللىق ئون نادىر فىلىم تىزىملىكى:
«ھايانكەشلىك»
«جاسۇسلۇق كۆۋرۈكى»
«كارول»
«ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى»
«ئەسەبىي ماكىس4: ئەسەبىيلىشىش يولى»
«مارسلىقلار»
«ئۆي»
«فوكۇس»
«پىلانىتلار ئۇرۇشى7»
«كامپىتوندىن چىقىش»
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
![]() |
تاڭ ۋېي (كورىيە)
لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە)
مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە)
لى ۋېن (ئامېرىكا)
ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە)
چى ۋېي (كورىيە)
يۈەن لى (ئامېرىكا)
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved