مىسىر جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغانلارنى جازالايدىغان يېڭى قانۇن لايھەسى ئېلان قىلدى

خەلقئارا لىنىيسىنىڭ ئۇچۇرى لەگلەك تورى تەرجىمسي، يېقىندا مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتنىڭ پىرىزدېنتى مەنسۇر جىنسىي پاراكەندىچلىك سالغۇچىلارنى جازالايدىغان يېڭى قانۇن لايھەسىگە ئىمزا قۇيۇپ مەزكۇر قانۇننى ماقۇنلىغان.

 

مىسىر ھۆكۈمىتى تەرەپنىڭ ‹‹ئەلئىھرام گېزىتى››دە خەۋەر قىلنىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايھەسى جىنسى پاراكەندىچىلىك سالغۇچىلارغا ئېنىق قانداق جازا بىرىشنى بىكىتكەن بۇلۇپ ، قانۇن لايھەسىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە شەخسىي ئورۇنلاردا بەدەن، گەپ-سۆز،ھازىرقى زامان ئالاقىلشىش قوراللىرى ۋە باشقا ھەرقانداق ئۇسۇللاردا جىنسىي مەقسەتنى بىلدۈرگەنلەرنى بىردەك جازالاشنى بىكىتكەن. ئەگەر جىنايىتى بىكتىلىپلا قالسا مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغۇچىنى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدىكەن، ھەمدە خەلىق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھىسابلىغاندا 2600يۈئەندىن 4400يۈئەنگىچە جەرىمانە قۇيۇلدىكەن.  قايتا-قايتا ئوخشاش جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جازا مۇددىتىنى ۋە جەرىمانە سوممىسىنى ئاشۇرۇپ جازاغا تارتىدىكەن. 

 

قانۇن لايھەسىدە يەنە بىكتىلشىچە، ئەگەر جىنسىي پاراكەندىچىلك سالغۇچى ئۈزلۈكسىز پاراكەندە قىلسا ھەتتا قىز جىنىسلارنىڭ كەينىگە كىرۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ بىر يىللىق قاماق جازاسى بىرىلىپ 4400يۈئەندىن 8700يۈئەنگىچە جەرىمانە قۇيۇلدىكەن. ئەگەر خىزمەت ئورنىنىڭ يۇقىرلىقنى دەستەك قىلىپ ياكى مائارىپ مۇناسىۋتى ئارقىلىق جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلسا  مەزكۇر جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغۇچىغا ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە قاماق جازاسى بىرىلدىكەن ھەمدە 17000يۈئەندىن 43700يۈئەنگىچە جەرىمانە قۇيۇلدىكەن. 

 

2011-يىلى مۇبارەك تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن مىسىردىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچىراش ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ئاشقان . ئەنگىلىيە رادىئو-تېلىۋىزىيە شىركىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2013-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلات مەزمۇندىن نەقىل كەلتۈرۈپ دىيشىچە ، ھەر 10 مىسىر ئاياللىرنىڭ ئىچىدە 9نەپىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ باققان بۇلۇپ ، بۇلارنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى يىنىك دەرىجىدە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچراشتىن تارتىپ باسقۇنچىلىق قىلىشقىچە ئوخشاش ئەمەس ئىكەن. 

 

بۇ قانۇن لايھەسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقشىغا قارىتا ، مىسىر دۆلەتلىك ئاياللار ھەيئىتى ئۆزىنىڭ قىزغىن قارشى ئالدىغانلىقنى بىلدۈرۈپ:‹‹بۇ قانۇن لايھەسى جىنسي پاراكەندىچىلكنى يۇقتىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم››دىگەن. بۇندىن بۇرۇن مىسىردا ھېچقانداق جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغۇچىلارنى جازاغا تارتىدىغان ئېنىق قانۇن يوق ئىدى. 



08-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek