جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ يوركشىر شەھىرى كەلكۈننىڭ «ھۇجۇم»ىغا ئۇچرىدى، باش ۋەزىر كامېرون شۇ يەر ۋاقتى 28-دېكابىر نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئاپەتكە قاشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. مىلاد بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئەنگلىيەنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تارىختىن بۇيان يېغىپ باقمىغان پەۋقۇلئاددە قارا يامغۇر يېغىپ، نۇرغۇن ئاساسلىق دەريالارنىڭ سۈيى تېشىپ كەلكۈن كەلدى، يوركشىر ۋە مانچېستېر قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەر «سۇ شەھىرى»گە ئايلاندى.
ئەنگلىيە مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ پەرەز قىلىشىچە، كەلگۈسى بىر ھەپتىدە يەنە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ئاپەت داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
كامېرون 27-دېكابىر جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بىخەتەرلىك كومىتېتىغا بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش كۆرسەتمىسى بەردى. ئارقىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئاپەت رايونىغا يەنە 200 قۇتقۇزۇش خادىمىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نۆۋەتتە، كامبرىيە، يوركشىر، لانكاشىر قاتارلىق جايلارغا 300 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved