3-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، قاراماي شەھىرىدىكى دۆلەت ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىۋاستە بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ھەر ھەپتە قاتنايدىغان تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان يەتتىگە كۆپەيتىلگەن بولۇپ، كۈندە بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن .
بۇندىن ئىلگىرى قارامايدىن بىۋاستە بېيجىڭغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ھەر دۈيشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە قاتنايدىغان بولۇپ، «بوئىن 73K» بەلگىلىك ئايروپىلان ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 20:05 دە قارامايدىن ئۇچۇپ، سائەت 23:45 دە بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىكەن. 27-مارتتىن باشلاپ بۇ لىنىيەدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved