تېز سۈرئەتتە دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىدىغان 8 خىل ئۇسۇل

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تېرە ئاسراش ئۇسۇللىرى بىلەنلا دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىمىز دىسەك بەك ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاز دىگەندىمۇ بىر يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا تېز سۈرئەتتە دانىخورەك ئىزىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

تۆۋەندە 8 خىل تېز سۈرئەتتە دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

 

 

ئۈجمە يوپۇرمىقى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

ئۈجمە يوپۇرمىقى تەركىبىدە مول مىقداردا فلاۋون خىمىيىۋىلىك بىرىكمە، فېنول، ئامىنو كىسلاتا، ئورگانىك كىسلاتا، كاروتىن، ۋېتامىن ۋە باشقا ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان مىكرو ئېلېمىېنتلار بار بولۇپ، تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىگمىنتلارنىڭ سىڭىپ كىتىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
دائىم قۇرۇتۇلغان ئۈجمە يوپۇرمىقىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسەك، تېز سۈرئەتتە دانىخورەك ئىزلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

 

 

ياڭيۇ بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

ياڭيۇ تەركىبىدە مول مىقداردا ۋېتامىن B1,B2,B6، پانتوتېنىك كىسلاتا، ئەلا سۈپەتلىك سېللۇلوزا، مىكرو ئېلېمىېنت، ئامىنو كىسلاتا، ئاقسىل ۋە ماي قاتارلىقلار بار بولۇپ، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ياڭيۇنى نېپىز كىسىپ دانىخورەك ئىزى بار ئورۇنغا چاپلاپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن سۈزۈك سۇدا يۇيىۋەتسەك، دانىخورەك ئىزلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

 

 

ۋېتامىن E بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

ۋېتامىن E تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تېرە ئەركىن رادىكاللىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشىغا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ھەركۈنى بىر تال ۋېتامىن E يەپ بەرسەك ياكى ۋېتامىن E مىيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن دانىخورەك ئىزى بار ئورۇنغا سۈركىسەكمۇ بولىدۇ.

 

 

گۈرۈچ يۇيغان سۇ بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

گۈرۈچنى ئىككىنچى قىتىم يۇيغان سۇنى ئەپقىلىپ، كۈندە بىرقىتىم يۈزىمىزنى يۇيساق، دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىپلا قالماي يەنە تېرىنى ئاقارتىپ سىلىقلاشتۇرىدۇ. لېكىن چوقۇم ئۈزۈلدۈرمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك.

 

 

قىزىل ھاراق بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

قىزىل ھاراق تەركىبىدىكى مول مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى پولىفېنول تېرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ مېۋە كىسلاتاسى تېرە مۈڭگۈز قەۋىتىنىڭ ماددا ئايلىمىشىشىنى تىزلىتىپ، بەدەندىكى پىگمىنتلارنى سۇسلاشتۇرۇپ، تېرىنى تېخىمۇ سىلىق ھەم يۇمران قىلىدۇ.
قىزىل ھاراق بىلەن يۈزلۈك پەردىسى ياساپ يۈزىمىزگە چاپلىساق، دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

 

 

مەرۋايىت ئۇپىسى بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

مەرۋايىت ئۇپىسىنىڭ داغنى يوقىتىپ تېرىنى ئاقارتىش رولى بار بولۇپ، تېرىدىكى پىگمىنتلارنىڭ سىڭىپ كىتىشىنى ئازلىتىپ، دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىدۇ.
مەرۋايىت ئۇپىسى، تۇخۇم ئىقى ۋە بىر تال ۋېتامىن E مىيىنى ئارلاشتۇرۇپ، يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن چاپلاپ، 15مىنۇتتىن كېيىن يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.

 

 

قىتىق بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

قىتىق تەركىبىدىكى كىسلاتالىق ئامىل تېرىنىڭ قىرىغان مۈڭگۈز قەۋىتىنى يوقىتىپ، تېرىنىڭ يېڭىدىن ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تېرىنى ئاقارتىپ، دانىخورەك ئىزىنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
يۈزنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن قىتىق سۈركەپ، 10مىنۇتتىن كېيىن يۇيىۋەتسەكلا بولىدۇ.

 

 

ئالما بىلەن دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش

ئالما تەركىبىدە مول مىقداردا مىنېرال ماددا، ۋېتامىن، مېۋە يېلىمى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.
ئالمىنى يالپاق قىلىپ قايناق سۇغا بىسىپ يۇمشاتقاندىن كېيىن، ئىسسىق ۋاقتىدا يۈزىمىزگە 10 مىنۇت چاپلىساقلا دانىخورەك ئىزىنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



28-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-05-2016
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا سۇيى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. كۆپلىگەن ئادەم سودا سۈيىنى مىنېرال سۇدىن كۆپ پايدىلىق، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاس...
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
Powered by Leglek