6-يانۋار سانجى مۇسابىقە رايونى بولغان تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يۈ تىرېنېرلارنى يېتەكلەپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئەمەلىي مەشىقى ئېلىپ باردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ليۇ يۈ قاتارلىق 8 كىشى داۋالاش خادىملىرىغا ياردەملىشىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن. مۇسابىقە مەزگىلىدە بۇ 8 تىرېنېرنىڭ مەخسۇس ئورنى بولىدىكەن، شۇنداقلا ئۇلارغا ئىككى قار تېيىلىش موتوسىكلىتى ۋە قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى سەپلەپ بېرىلىدىكەن. يارىلانغۇچىلارنىڭ يارىلىنىش دەرىجىسىگە قاراپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر يېنىك يارىلانغان بولسا، موتوسىكلىت ئارقىلىق يارىلانغۇچى تېزلىكتە جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئاپىرىلىدىكەن، ئېغىر يارىلانغانلارغا باشقا ئۈنۈملۈك، تېز سۈرئەتلىك قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدىكەن.
![]() |
16-ماي كەچتە خۇنەننىڭ شياڭشىغا جايلاشقان سۇمرۇغ قەدىمىي شەھىرىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا ھەرخىل رەڭدە چىراغ نۇرلىرى جۇلالىنىپ، قەدىمىي شەھەرگە ئۆزگىچە تۈس ئاتا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved