ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە يىغىنى 16-ئىيۇل بېريۇسسېلدا ئېچىلدى. يىغىندا پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشنى بالدۇراق ئاياغلاشتۇرۇپ، رايون تىنچلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇراجىئەت قىلىندى. يېغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە ۋە غەززا رايونىدىكى توقۇنۇشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەمدە توقۇنۇشتا ئۆلۈم يېتىم بولغانلىقىنى ئەيىبلەيدۇ. ياۋروپا كېڭىشى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىق توقۇنۇشنى توختىتىپ، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1860-نومۇرلۇق قارارىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved