ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى بىمارى قازا قىلدى

ئامېرىكا تېكساس شتاتى دالاس شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانا 8-ئۆكتەبىر ئامېرىكىدا بايقالغان تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى بىمارىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


بۇ دوختۇرخانا بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 42 ياشلىق توماس ئېرىك دانكېن شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7:51 ئۆتكەندە ئېبورا يۇقۇمى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدا قازا قىلدى، ئۇنىڭ كېسەل بىلەن باتۇرانە ئېلىشتى، قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان بارلىق كەسپىي خادىملار، دوختۇر، سېستىرا ۋە دوختۇرخانىدىكى بارلىق خادىملار ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئازابلاندى.


دانكېن 20-سىنتەبىر غەربىي ئافرىقا دۆلىتى لىۋىيەدىن ئامېرىكىغا تۇققان يوقلاپ كەلگەن، 24-سىنتەبىردىن باشلاپ ئۇنىڭدا ئېبولا يۇقۇمى ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 26-سىنتەبىر دوختۇرخانىدا كېسەللىك ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دېئاگنوز قويۇلمىغان. 28-سىنتەبىر كېسىلى ئېغىرلىشىپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان، 30-سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى بىمارى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. بۇ ئافرىقا سىرتىدىكى تۇنجى ئېبولا يۇقۇمى بىمارى.


ئېبولا يۇقۇمى ۋىرۇسى 1976-يىلى بايقالغان، قان ۋە شۆلگەي قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يوشۇرۇن مەزگىلى سەككىزدىن ئون كۈنگىچە، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 21 كۈن بولۇپ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلا يۇقۇملاندۇرالايدۇ. خەۋەرگە قارىغاندا، دانكېندا 24-سىنتەبىر كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇندىن كېيىن نەچچە كۈن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ كېڭىيىش-كېڭەيمەسلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئىكەن.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، غەربىي ئافرىقىدىكى قاتتىق ئاپەت رايونى گۋىنىيە، لىبىرىيە ۋە سېررالېئوندا ئېبولا يۇقۇمى ۋىرۇسى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان، گۇمانلانغان ۋە يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىك بولغان بىمار 7470 كە، قازا قىلغانلار 3431 گە يەتكەن.



خەتكۈچلەر:
10-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek