ئېلىمىزنىڭ پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن ‹‹ لياۋنىڭ ›› ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسىغا مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن . يېقىندا ، ‹‹تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ دېڭىز چېگراسىغا باغلانغان رىشتى ›› ئاساسىي تېمىسىدىكى زىيارەت ئۆمىكىمىز ‹‹ لياۋنىڭ ›› ناملىق ئاۋىياماتكىغا چىقىپ ، بۇ ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ماتروس قىزلىرى بىلەن كۆرۈشتۇق . سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ، بۇ ئاۋىياماتكا شىنجاڭدىن ئىككى تۈركۈمدە ئۇيغۇر ، قازاق ، خۇيزۇ ۋە قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەردىن جەمئىي 26 نەپەر قىز ئەسكەرنى قوبۇل قىلىپ ، ئاۋىياماتكىنىڭ تۆت بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىپ ، دېڭىز قاتنىشى ۋە ئالاقە ئىشلىرى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك ۋەزىپىگە مەسئۇل قىلغان .
قىسىمنىڭ ئالاقىدار رەھبىرى ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : شىنجاڭلىق قىز ئەسكەرلەر ناھايىتى تىرىشچان ،ئۇلار رولچى ، رادارچى ۋە ھەربىي پاراخوتلاردىكى سىگنالچى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلىرىدا مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئايلاندى. ئۇلارنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك ، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپلا قالماي ، ۋۇجۇدىدا بىر خىل تىز پۈكمەس روھ بار ، نۆۋەتتە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇرۇش 1-سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە سەپلەندى ھەم نۇرغۇن قېتىملىق سىناق ۋەزىپىلىرىنى ناھايىتى ياخشى تاماملىدى.
مايىدە بەختىيارنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى مىن مۇنداق دېدى : ‹‹ مەيلى مەشق ياكى خىزمەتتە بولسۇن ، بىز ھەممىسىگە ئوخشاش قارايمىز .مەسىلەن ، بۈگۈن بىز قايسى مەزمۇننى مەشق قىلدۇق ، قانداق ئۆلچەمگە يېتىمىز ، دېگەندەك مەسىلىلەردە ھەممەيلەنگە قويغان تەلەپ ئوخشاش . ناۋادا ئۇلار بۈگۈن بىز دېگەن تەلەپكە يېتەلمىسە ، كەينىدىن مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇلارنى مەشقلەندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۆلچەملىك سەۋىيەگە يېتىشىگە ياردەم قىلىمىز ›› .
شىنجاڭ سانجىدىن كەلگەن ماتروس قىز ما شۇاڭئېر رادارچى ئەسكەر ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ . ئۇنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئۇنىڭغا باھا بېرىپ : ‹‹ ئۇ ئۆگىنىشتە بەك ئاكتىپ ، ئادەتتە ، يېڭى كەلگەن ئەسكەرلەر تەقسىملەنگەن ئىشنى قىلىپ بولۇپلا ئارام ئالىدۇ ، بىراق ، ئۇ تەقسىملەنگەن ۋەزىپىنى ۋە ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىنمۇ يەنە مېنى ئىزدەپ كېلىپ ۋەزىپە ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى تەلەپ قىلىدۇ ›› دېدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved