2014-يىلى شىنجاڭ نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش؟

ھەر يىللىق ئىككى يىغىندا شىنجاڭ ئۆمىكى ئېچىۋېتىلگەن كۈن مۇخبىرلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەركىزىي نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. 2015-يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يەنە شىنجاڭ ئۆمىكىنىڭ ئېچىۋېتىلگەن كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، بۇنىڭغا تىزىملاتقان مۇخبىرلار ئاللىبۇرۇن تەييارلىق كۆرۈپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇخبىرلارنىڭ زادى قانداق سوئاللارنى سورىشىنى ئويلاپ يەتمەك قىيىن. لېكىن 2014-يىلى شىنجاڭدا قايسى چوڭ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېنىق بىلگەندە، تاراتقۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى بىزگە ئانچە-مۇنچە ئايدىڭ بولۇشى مۇمكىن.


2014-يىلى شىنجاڭدا ھەر قايسى جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ئۆزگىرىشلەر بولدى، شىنجاڭدا تەرەققىياتتىكى ئالدىراشچىلىق، قۇرۇلۇشتىكى ئالدىراشچىلىق بولدى، شىنجاڭدا يەنە قانداق ئالدىراشچىلىقلار بولدى؟ بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

‹‹چەمبىرەك›› نى بۇزۇپ تاشلاش بىلەن ئالدىراش: ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېزلەشتى


2014-يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادى مەملىكەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا ‹‹تەرەققىياتى ئاستا›› بولۇشتەك ‹‹چەمبىرەك›› نى بۇزۇپ تاشلىدى.


شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ئۇدا نەچچە يىل GDP نىڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتى ساقلىنىپ، 2014-يىلىغا كەلگەندە مەملىكەت بويىچە ‹‹تەرەققىيات ئاستا بولۇش›› تەك ‹‹چەمبىرەك›› بۇزۇپ تاشلىنىپ، ‹‹ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭكىدىن تېز بولۇش›› تەك يېڭى ھالەت بارلىققا كەلدى.


2014-يىلى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 926 مىليارد 410 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا 10.0% ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە سېلىشتۇرغاندا 2.6 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 4-ئورۇندا تۇردى.

ئەلالاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش: ئىقتىسادىي قۇرۇلما يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى

ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى تىپتىكى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئۇسۇل ئالماشتۇرۇش، قۇرۇلما تەڭشەشتىكى ئاكتىپ كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سانائەت ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. غەيرىي نېفىت سانائىتى نىسبىتى 12.6% ئۆسۈپ، نېفىت سانائىتىنىڭ ئېشىش ئامپلىتۇدىسىدىن 5.4 پىرسەنت پوئىنتى يۇقىرى بولدى، غەيرىي نېفىت سانائىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 54% كە يېتىپ، ئىلگىرىكى نېفىت سانائىتىنىڭ ‹‹بىر كەسىپ غوجا بولۇش›› ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سانائەت باغچا رايونى، ئوتتۇرا-كىچىك-مىكرو كارخانىلار، غەيرىي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي نىسبىتى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، كەسىپلەر قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش شىنجاڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ‹‹يېڭى ھالەت›› كە ئايلانماقتا.

 

‹‹يادرو رايون›› قۇرۇش بىلەن ئالدىراش: يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرو رايون قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2014-يىلى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرو رايون قۇرۇلۇشى ياخشى باشلاندى. شىنجاڭدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرو رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ‹‹يولغا قويۇش پىكرى›› ۋە ‹‹ھەرىكەت پىلانى (2014-2020)›› نى تۈزۈلۈپ، يادرو رايون قۇرۇلۇشىنىڭ پىكىر يولى ۋە نىشانى بېكىتىلدى.

2014-يىلى شىنجاڭنىڭ مۇقىم مۈلۈك مەبلەغ كۆلىمى تۇنجى قېتىم تىرىلىيوندىن ئاشتى، 2015-يىلى يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى يادرو قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە جۇڭگو بىلەن غەربىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا ئارىسىدىكى ئوبوروت تۇنېلى، ئۇچۇر تۇنېلى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان يول ئالاقە، ئۇچۇردا بىرلىشىش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› بىلەن ئالدىراش: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باشلامچىلىقى، تارماقلارنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشىدە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب-شىمالىنى قاپلىدى
2014-يىلىدىن بۇيان دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ ھەرخىل ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدى-كەينى بولۇپ بىر تۈركۈم يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتىكى ئۈنۈملۈك يولنى ئىزدىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 35 مىڭ 500 كىشى ‹‹ئۆيىدىن چىقىپ، زاۋۇتلارغا كىردى››

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىدىكى ‹‹چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك بولۇش›› تۈرى 2014-يىل فېۋرالدا قوزغىتىلغاندىن بۇيان، 496 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 194 تۈردە قۇرۇلۇش تاماملاندى، بۇنىڭدا 35 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلگە ئاشتى.


ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي 888 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى مىللىي قول ھۈنەر سانائىتى، توقۇلما كىيىم-كېچەك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، سودا ئوبوروتى قاتارلىق 10 كەسىپتىكى 297 ‹‹ چاققان، قولاي، ئۈنۈملۈك بولۇش›› تۈرىگە مەبلەغ ۋە سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا 58 مىڭ 300 كىشىنىڭ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشى مۆلچەرلەندى.

 

داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش: شىنجاڭ قاتناشتىكى چوڭ قۇرۇلۇشنى كۈتۈۋالدى

2014-يىل 16-نويابىر لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى 2-قوش لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى-قومۇل بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرىگە كىرگەنلىكى جاكارلاندى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاقسۇ-قەشقەر قاتارلىق 6 يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدىمۇ قاتناش باشلاندى؛ كورلا-گېرمۇ تۆمۈريولى، يەكەن دەرياسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەردىمۇ قۇرۇلۇش باشلاندى؛ جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، بېيتۇن-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرى تېزلەشتۈرۈلدى.

كەنتكە چۈشۈش بىلەن ئالدىراش: شىنجاڭدىكى 200 مىڭ ئورگان كادىرى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلدى

2014-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ھەر دەرىجىلىك ئورگانلاردىن 200 مىڭ كادىر ئاجرىتىلىپ، ئۈچ يىل داۋاملىشىدىغان ‹‹ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئورگان كادىرلىرى كەنتلەرگە چۈشۈپ، دېھقانلار ئائىلىسىدە، ئېتىز-ئېرىقلاردا ئاممىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى، چىن دىلى بىلەن ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

كادىرلارنىڭ ‹‹جاپا كۆرسەتكۈچى›› ئارقىلىق ئاممىنىڭ ‹‹بەخت كۆرسەتكۈچى›› بارغانچە ئېشىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتى.

 

خەلق تۇرمۇشى بىلەن ئالدىراش: خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى ئۇدا بەش يىل ئېلىپ بېرىلدى

2014-يىلى شىنجاڭ 61 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 25 خىلدىكى 150 تۈرلۈك نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويدى. 2010-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا ‹‹خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلى›› پائالىيىتى باشلانغان بولۇپ، 5 يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن-ئاخىر ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى كۆتۈردى.

ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش بىلەن ئالدىراش: تور لىنىيەسى ئۈستىدە ۋە ئاستىدا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئېنېرگىيەسى تارقىتىلدى


يېڭى سۈرەت-كونا سۈرەت، شىنجاڭنىڭ 2-نۆۋەتلىك مىكرو فىلىم بايرىمى، شىنجاڭ ئىتوت مۇسابىقىسى، ئاقسۇ ئالمىسى قىزاردى، يانفوندا قىزىلسۇغا نەزەر، ئىلى تەسىراتى، نەزەرىمىزدىكى شىنجاڭ قاتارلىق 22 تۈرلۈك پائالىيەت 2014-يىل مارتتىن دېكابىرغىچە تور لىنىيەسى ئۈستىدە ۋە ئاستىدا كەينى-كەينىدىن ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بايقۇت قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىرىشلىرى نامايان قىلىندى، زامانىۋى تۇرمۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، ساغلام، ئاكتىپ بولغان جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئېنېرگىيەسى يەتكۈزۈلدى.



خەتكۈچلەر:
10-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-02-2016
   قوغۇن نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەمى تاتلىق مېۋە، ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ خاسىيەتلىك رولىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ، قوغۇن ئورۇقلىتىش، ئاپتاپتىن ساقلاش رولىغا ئىگە بۇلۇپلا قالماي يەنە، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالد...
06-02-2016
     دائىم سېغىز چايناپ بەرگەندە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنى تازىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر سېغىز چايناشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.    1....
05-02-2016
      CNBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مىقدارلاشقان تاۋار باھاسى (بولۇپمۇ شىكەر) شىددەتلىك چۈشۈپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل يىل بېشىدا دۇنيا ئاشلىق باھاسى يېقىنقى يەتتە يىلدىكى تۆۋ...
05-02-2016
       كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشلەر يېمەكلىكلەرنى گېزىت-ژۇرناللارغا ئوراپ قويىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە گېزىت-ژۇرناللارغا ئىشلىتىلىدىغان باسما مېيى نۇرغۇنلىغان خلور بىلەن بېنزول بىرىكمىس...
04-02-2016
     يېقىندىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى يەرلىكنىڭ كېسەلدىن ساقلىنىش، داۋالاش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تېزلىتىپ، يودلۇق تۇز بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنى 1997-يىلىدىكى 19 پىرسەنتتىن ھازىرقى 98.7 پىرسەنتكە يەتكۈزۈپ، چەت، يىر...
01-02-2016
1. پىياز يەر بىلەن بىۋاسىتە تېگىشمەسلىكى، چوقۇم تاختا ياكى پاخال قويۇش كېرەك. 2. ئەگەر پىياز تەبىئىي قۇرۇسا، تاشقى پوستى پارقىراق، داغ ئاز بولىدۇ، ئىسكىلاتتا ساقلىغاندا بىر دۆۋە بىلەن يەنە بىر دۆۋە، بىر خالتا بىلەن يەنە بىر خالتا ئ...
30-01-2016
ئىسمى:ئېمۇ قۇشى  مەلھىمى تىپى: تېرە سىلىقلاش ئاقارتىش مەلھىمى ئىشلەپچىقىرىلغان رايون : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ھالىتى ۋە تەركىبى  : ئاق رەڭلىك مەلھەم ، ئۆزگىچە پۇراقلىق . تەركىبى ئېمۇ قۇشى مېيى ، ۋىتامىن E ۋە ئىئ...
29-01-2016
ئىسمى:panadol تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى مىقدارى:20ml ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
29-01-2016
         تەييار چۆپنىڭ قانچە خىل يېيىش ئۇسۇلى بار؟  بىرخىل، ئىككى خىل، جىق بولغاندا ئۇچ خىل بولا. ياق، ياق، تايلاندلىقلار تەييار چۆپ يېيىشنى ۋايىغا يەتكۈزگەن، ئىشەنمەمسىز، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى سۈرەتلەرنى كۆرۈڭ...
27-01-2016
ئىسمى:MACA تىپى:بۆرەك قۇۋۋەتلەش تابلىتى مىقدارى:100تال ساقلاش مۇددىتى:36ئاي ئىشلەنگەن دۆلەت : ئاۋسترالىيە مەھسۇلات ماس كېلىش ئوبيېكتى : مەزكۇر مەھسۇلات ئاۋسترالىيەنىڭ بۇلغانمىغان تەبىئىي ھالەتتى...
Powered by Leglek