جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە راسخوت چىقىمىنى %10 كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى
10-03-2015
0
557
يازغۇچى: لەگلەكچى
thumb

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئە راسخوت چىقىمىنى %10 كۆپەيتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلدى، بۇ دەرھال خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.


12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3- يىغىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ يىڭ 4-مارت، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشقا سۇنۇلغان خام چوت لايىھەسىدە 2015- يىلى دۆلەت مۇداپىئە راسخوتىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن تەخمىنەن %10 كۆپەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى، بۇ خەۋەرنىڭ ئاشكارىلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.


بۇندىن ئىلگىرى، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگونىڭ ھەربىي پاراتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ خەۋەر ئوخشاشلا خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ كەڭ دائىرىدە قىزىقىشىنى قوزغىدى.


دىققەت قىلىش ۋە قىزىقىشنىڭ ئارقا كۆرۈشىدە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئورنىغا ئەھمىيەت بېرىشنى قوزغاپ كىشىلەرنىڭ تىنچلىققا بولغان ئۈمىدنى ئەكس ئەتتۈردى.


تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك. يېقىنقى زاماندا ئۇرۇش ئازابىنى ھارغىچە تارتقان جۇڭخۇا مىللىتى، ھەر قانداق كىشىدىن تىنچلىقنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىلگىرىكى ئاجىزلىق ۋە نامراتلىق ئىچىگە كېرىپ قىلىشتەك پاجىئەلىك ھالەتتىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلغان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭخۇا مىللەتلىرى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇداپىئە خاراكتېردىكى دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان جۇڭگو ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئىقتىدارىمۇ مۇقەررەر ئاشىدۇ.


بۇ يىل، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، كىشىلەر ئارقىدا قالسا زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلغاندىلا ئالدىن كۈچىيىدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغاشتىن ئىلگىرى جۇڭگو چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن بۇلاڭ تالاڭ قىلىشى، مىللىتارستلارنىڭ قالايمىقان ئۇرۇش قىلىشى، خەلق تۇرمۇشى ناچارلىشىشتەك ئەھۋالغا كېرىپ قالغان بولۇپ، دۆلەت بولغان بىلەنلا مۇداپىئە ئىشلىرى قۇرۇق بولۇپ كەلگەن ئىدى.


كىشىنى بۇ ئازابلايدىغان بۇ سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى .1937- يىلى ياپونىيەنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، جۇڭگونىڭ 4.4 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، پولات تومۇر مەھسۇلات مىقدارى 5 مىليون 800 مىڭ توننا بولۇپ، جۇڭگونىڭ 145 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن، ياپونىيە ئىشلەپچىقارغان ئايروپىلان 1 مىڭ 580 ، تانكىسى 330 بولغان، بىراق جۇڭگودا يوق.

 

مۇشۇنداق ئەمەلىي كۈچىدىكى پەرق ئارقا كۆرۈشىدە، ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرى 7- ئىيۇل ۋەقەسىنى قوزغاپ، جۇڭگونى ئۇچ ئاي ئىچىدە يوقىتىدىغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سالدى. سەككىز يىل ئومۇمىي خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقى 35 مىليون كىشىنىڭ قازا قىلىشى ۋە يارىلىنىشتەك غايەت زور بەدەللەرنى بېرىش ئارقىلىق، ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا تۇنجى قېتىم تەل تۆكۈس غەلىبىگە ئېرىشتى.


غەلىبە ئاسان قولغا كەلمىدى، تىنچلىق ئەمەلى كۈچىگە موھتاج. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە جۇڭگو، ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، بىر ھەپتىلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدىكى بىر يىللىق ئومۇمي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يېقىنلاشماقتا، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا يېقىنلاشماقتا، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھالدا بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىنى ۋە ئىشەنچىسىنى ھازىرلىماقتا.


پۇرسەت ئەزەلدىن خىرىس بىلەن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. جۇڭگودەك 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر قورۇقلۇق زېمىنىغا، 3 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دېڭىز زېمىنىغا، 22 مىڭ كىلومېتىر قۇرۇقلۇق چېگراسىغا ، 18 مىڭ كىلومېتىر دېڭىز ياقىسى لىنىيەسىگە ئىگە بۇنداق چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىگە سەل قاراشقان بولمايدۇ.


بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مەزمۇنى ۋە چۈشەنچىسى تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن مول، بوشلۇق ساھەسى تارىختىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كەڭ، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تارىخىدىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇرەككەپ بولماقتا. ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئەسى بىخەتەرلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا قارتا، جۇڭگونىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت مۇداپىئە راسخوتى ئامېرىكىنىڭ 22 دىن بىر قىسمىغا، ئەنگلىيەنىڭ 9دىن بىر قىسىمىغا، ياپونىيەنىڭ بەشتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مۇۋاپىق ئاشۇرۇشنى ساقلاش ئەلۋەتتە ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.


گەرچە جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە راسخوتىنى مەلۇم دەرىجىدە كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ دۇنيادىكى باشقا ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسى مەيلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمي قىممىتىدە ئىگىلىگەن سالمىغىدا بولسۇن، خەلقنىڭ كىشى بىسىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى ئوتتۇرچە ھەربىي راسخوتىدىن بولسۇن يەنىلا بىر قەدەر تۆۋەن. دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوت چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 دىن%4 گىچە ئىگىلەيدۇ، بىراق جۇڭگونىڭ پەقەت %1.5 نى ئىگىلەيدۇ. 2001- يىلدىن 2013- يىلغىچە، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي راسخوت چىقىمى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %2.5 نى ئىگىلىدى، جۇڭگونىڭ بولسا %1.3 تا بولدى.

 

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا مەجبۇرىيىتى ۋە خەلقئارا مەسئۇلىيىتى كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، سىرتقا يۈزلىنىش قەدىمى تېزلىمەكتە، جۇڭگو ئارمىيەسى ئادىن قولتۇقىدىكى سومالى دېڭىز ساھىلىدىكى پاراخوتلارنىڭ نورمال قاتنىشىنى قوغدىماقتا، دائىم ئىنسانپەرۋەرلىك كۈچلىرىنى ئاجرىتىپ خەلقئارا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە قاتناشتۇرماقتا، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتى ئىچىدە تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي كۈچلەرنى ئەڭ كۆپ ئاجراتقان دۆلەت. شۇڭا بۇ مالىيە ۋە ماددىي جەھەتتىن قوللاشتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جۇڭگونىڭ ھەربىي راسخوتىغا ئاجرىتىلغان ھەر بىر پۇڭ پۇل، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە رايون مۇقىملىقىغا قوشۇلغان تۆھپە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاشكارىلىقى تېخىمۇ ئېنىق، دۆلەت مۇداپىئە راسخوتى تېخىمۇ ئىلمى مۇۋاپىق بولماقتا، يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر ئىچىدە، جۇڭگو، ئالدى بىلەن يادرو قۇراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن دۆلەت. ئەمەلىيەتنى پەرق ئېتەلەيدىغان كىشىلەر جۇڭگونىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىدۇ. جۇڭگو 2007- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي راسخوتنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىگە رەسمىي قاتنىشىپ، ھەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىشلىتىلگەن ھەربىي راسخوت چىقىمى توغرىسىدىكى دوكلاتنى سۇنۇپ كەلدى.


بۇندىن 70 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى دۇنيا خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، زور قۇربانلارنى بېرىش ئارقىلىق فاشىزمىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 70 يىلدىن كىيىن، زور تارىخى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولغان جۇڭگو ئارمىيەسى دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سورۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشماقتا.


 


خەتكۈچلەر:
10-03-2015
0
557
يازغۇچى: لەگلەكچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2015
0
98
thumb
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى ئورگان مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېڭىز ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيە ئەسكەرلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇچۇش مەشق بازىسىدىكى تىرىنىر جياڭ تاۋ ۋە ئوقۇغۇچى لۇ مىڭفېي بىر قېتىملىق ئۇچۇش مەشقىدە، ئۆزلىرى ھەيد...
26-05-2015
0
179
thumb
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 25-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ ئۆتكەن يىلقى قورال ياراق ئېكسپورتى 15 مىليارد مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ يىل بۇ سەۋىيەنى ساقلىدى. ھازىر قورال ياراق ئېكسپورت زاكاز سوممىسى 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى...
26-05-2015
0
191
thumb
يەر شارى خەۋەر تورى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىن روسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتىتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ھەربىي مەھسۇلات ئىشلەپچىقرىش نىسبىتىنىڭ 15.5 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى...
25-05-2015
0
144
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 24-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، 500دىن ئارتۇق ھەربىيلىككە قىزىققۇچى ناتسىستلار گېرمانىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ سىياقىدا ...
23-05-2015
0
479
thumb
تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى ئۇچار يولۋاس زەربىدارلار ئەترىتى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورۇندا مانىۋېر ئېلىپ باردى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالاھ...
22-05-2015
0
166
thumb
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:جۇڭگو بىلەن رۇسىيىنىڭ دېڭىزدىكى «2015» 1-ناملىق دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى 21- ماي رۇسىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى كىچىك شەھىرى جىمونۇرۋىسىئودا ئاخىرلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.11-مايدى...
22-05-2015
0
305
thumb
جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 21-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاۋىياتسىيە قىسمى تۇنجى قېتىم مىياكو جىما بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، غەربىي تىنچ ئوكيانغا بېرىپ، يىراق دېڭىز مەشىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋ...
21-05-2015
0
204
thumb
يەر شارى تورى خەۋىرى: رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى ئەسكەرلىك يېشىغا توشقان ياشلار تۇنجى قېتىم ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي قىسمىغا ئەمەس، بەلكى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھەربىي قىسىمىغا ...
20-05-2015
0
267
thumb
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 19-ماي، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋاينىڭ ئوئاھۇ ئارىلىدا قۇرۇقلۇق ھەم سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش قىسمى 10 نەچچە دۆلەتنىڭ ئارمىيە ۋەكىلل...
19-05-2015
0
235
thumb
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ياپونىيە NHK خەۋەر تورىنىڭ 18-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئامېرىكىنىڭ ‹‹جورجى ۋاشىنگتون›› ناملىق يادرو ئاۋىياماتكىسى ياپونىيەنىڭ يوكوسۇكا بازىسىدىن يولغا چىقى...
Powered by Leglek