بەرنا ئەنۋەر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا
ئۆز مۇخبىرلىرىمىز مەۋلۇدە ئابلىز، ئابدۇرۇسۇل ئەرشىدىن خەۋىرى، فوتوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېلېۋىزور ئېكرانى ۋە ھەرقايسى تور بېكەتلىرىدە ئۆزىنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن ناخشا ئورۇنداپ، رايونىمىز ئىچى-سىرتىدا ئالقىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان كىچىك چولپان بەرنا ئەنۋەرنىڭ 2014-يىللىق خەيرى-ساخاۋەت ناخشا كېچىلىكى ـــ ‹‹بەرنا كۈيلىرى›› 1-ئىيۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
12-ماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش-ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى ۋە بەرنا ئىستۇدىيەسى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كىچىك چولپانلارنىڭ تۇنجى سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ، ئەگەر بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلسە، بەرنا جۇڭگودىكى ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن يېشى ئەڭ كىچىك چولپان بولۇپ قالىدىكەن.
بەرنا ئەنۋەر بۇ يىل شىنجاڭ ‹‹ئۈمىد قۇرۇلۇشى›› نىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولغان. ئۇ بۇ قېتىملىق كېچىلىكتىن كىرگەن بېلەت كىرىمىنى ‹‹ئۈمىد قۇرۇلۇشى›› ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىئانە قىلىدىكەن.
بەرنا ئىستۇدىيەسىنىڭ مەسئۇلى پەرىدەدىن ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق كېچىلىكنىڭ بېلەت باھاسى 800يۈەن، 500يۈەن،300 يۈەن، 200 يۈەن، 100 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن.
كېچىلىكنىڭ باش رېژىسسورى نىجات نىياز كېچىلىك توغرىسىدا سۆز قىلماقتا
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved