كانادا نىپالغا 5 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى

جاھان ئاگېنتلىقى 26-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: كانادا ھۆكۈمىتى 7.9 بال يەر تەۋرىگەن نىپالغا 5 مىليون دوللار ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. كانادا خەلقئارا تەرەققىيات مىنىستىرى Christian Paradis ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، نىپالدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان ياردەم ئورگانلىرى تەرىپىدىن ياردەم ئېھتىياجلىرىغا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن 5 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىر پارادىس، كانادا خەلقىنىڭ نىپال خەلقىنىڭ قايغۇلىرىغا ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كانادانىڭ ياردىمىنىڭ يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايۇنلاردىكى خەلقلەرگە يىمەكلىك، ئىچىملىك، چېدىر، دورا ۋە باشقا خىزمەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە؛ «بىز نىپالدىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز، ئەگەر زۆرۈر بولغاندا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىمىز» دېدى.
يەنە بىر تەرەپتىن كانادا باش مىنىستىرى Stephen Joseph Harper ئەۋەتكەن ئۇچۇردا، يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇرىدىغانلىقىنى ۋە نىپال خەلقىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئ‍شىلار مىنىستىرى جون كېررىي، ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ نىپالدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلىرىگە سەۋىر تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېررىي نىپالغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن نىپال ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىندىن كۆرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئامېرىكىنىڭ كاتماندو باش ئەلچىسى Peter Bodde ئىنسانىي ياردەم ئۈچۈن 1 مىليون دوللار جىددى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كېررىي، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى، تەبئىي ئاپەت ياردەم ئەترىتىنىڭ رايۇنغا ئورۇنلىشىشقا تەييارلانغانلىقىنى ۋە مەزكۇر ئەترەتنىڭ قۇتقۇزۇش قىسىملىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نىپالدا تۈنۈگۈن 7.8 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



26-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
      سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 9- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكىدىكى ئىرىق مۇناسىۋىتىدە ئۆتكەنكى 30 يىلدا سەل ياخشىلىنىش بولدى، ئەمما بۇ خىزمە...
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋلادىۋوستوك غەلىبە مەيدانى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتقا قاتناشتى. 9-ماي، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى شەھىرى ۋىلادىۋوستوكتا ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پا...
10-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران زۇڭتۇڭ قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندنى ئەلى ئەبدۇللاھ ئىراننىڭ ئىككىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.    &n...
10-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ...
10-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ...
09-05-2016
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان 25–ئاپرېل ‹‹سەئۇدى ئەرەبىستان 2030 ئارزۇسى›› دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر پىلاننى ئېلان قىلىش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئار...
09-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 9-ماي سەھەردە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسى...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ۋە...
09-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق...
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى بولۇپ، تايلاند خان جەمەتى ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تېرىلغۇ مەزگىلى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ...
Powered by Leglek