ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 17-دېكابىر ۋاشىنگتوندا كۇبا مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان باياناتىنى ئېلان قىلدى ، باياناتتا كۇباغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازالار بىكار قىلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى . ئوباما ئامېرىكىنىڭ ‹‹ ئۆتمۈشتىكى ئۇسۇلى ››نى ئاياغلاشتۇرۇپ ، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹يېڭى سەھىپىسى››نى ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 17-دېكابىر سائەت 12:16 دە سۆز قىلىپ ، كۇباغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازانى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۇباغا قارىتىلغان ئىمبارگۇنى بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ ، ئامېرىكا-كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ‹‹يېڭى سەھىپىسى ››نى ئاچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۇبا رەھبىرى رائۇل كاسترومۇ كۇبا-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆز قىلغان .
ئامېرىكا بىلەن كۇبا 17-دېكابىر تۇيۇقسىزلا مەھبۇس ئالماشتۇرغان ، كۇبا تەرەپ تۇتقۇن قىلىۋالغىلى بەش يىل بولغان ئامېرىكىلىق قۇتقۇزۇش خادىمى ئالەن گروس بىلەن بىر نەپەر ئالاھىدە خادىمنى قويۇپ بەرگەن ، ئامېرىكا تەرەپ ئۈچ نەپەر كۇبالىق ئالاھىدە خادىمنى قويۇپ بەرگەن.
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved