جاھان ئاگېنتلىقى 27-ئاپرېل خەۋىرى؛لەگلەك تورى تەرجىمىسى: جەنۇبى كورىيە پرېزىدېنتى Park Geun-hye، پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن كورىيە باش مىنىستىرى لى ۋەن كونىڭ بىر ھەپتە ئىلگىرى سۇنغان ئىستىپانامىسىنى قۇبۇل قىلدى. كورىيە رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى Yonhap نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دۆلەت ئەمەلدارى، پرېزىدېنت Park Geun-hye نىڭ باش مىنىستىر لى ۋەن كونىڭ ئىستىپانامىسىنى قۇبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. لى ۋەن كو باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پارىخولۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى، پرېزىدېنت ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئىككىنجى يىلىدا ئۈچىنجى قېتىم باش مىنىستىر سايلاشقا مەجبۇر بولدى. Keangnam مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى سۇڭ ۋەن جوڭ 9-ئاپرېل ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم بىر گېزىتقا سۆز قىلىپ، 2013-يىلىدا باش مىنىستىر لى ۋەن كوغا 30 مىڭ دوللار پارا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇ جىنايەتلەر سەۋەبىدىن لى ۋەن كونى ئىستىپا بېرىشكە چاقىرىق قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved