ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 10 نەرسىدىن ۋاز كېچىڭ


1. يۈز ئابروي
بەزى چاغلاردا بېشىمىزنى ئېگىشىمىز ، ئۆزىمىز مىڭىۋاتقان يولنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈندۇر . نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنى ياخشى ياشاۋاتىمەن دەپ ئويلاپ يىڭى شەيئىلەرنى سىناپ بىقىشنى خالىمايدۇ ،يۈز ئابرويىنى دەپ ئاخىرى تۈگىشىدۇ . تەدبىرىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر .
2. بېسىمنى چۆرۈپ تاشلاش
چارچاش ۋە چارچىماسلىق سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە باغلىق . كۆڭۈل ئۆيىڭىزنى تازلاپ تۇرمىسىڭىز ھەممە جاي چاڭ - توزانغا تولىدۇ . چاڭ توزانلارنى تازلاپ تۇرغاندا كۆڭلىڭىزمۇ يورۇق بولىدۇ . ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىلا ئاندىن پاراكەندىچىلىكتىن خالى بولغىلى بولىدۇ . بەزىبىر ئاتالمىش ئازابلارنى تاشلىۋەتسىڭىز خوشاللىققا تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ھازىرلايسىز .
3.ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنتۇڭ
ئۆتمۈشىڭىزنى ئۇنۇتقاندىلا ئاندىن بەخىتلىك ئۆتۈپ ، تېرىشىپ پىخسىكىلىق ھالىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشىيەلەيسىز . سوغۇققانلىق ۋە رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ، ئۆزىڭىزگە ھەممە ئىشلار تەبىئىي بولسۇن دىيىشنى ، ئاپەتكە تەمكىنلىك بىلەن يۈزلىنىشنى ، ھاياتلىققا ئاكتىپلىق بىلەن قاراشنى ، ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشنى ئۈگىنىۋىلىڭ .
4. ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ
كەمسىتىش دىگەن بۇ سۆزنى لوغىتىڭىزدىن ئۆچۈرۋىتىڭ . ھەممە ئادەم ئۇلۇغ بولمايدۇ ، بىراق ئادەم ئىچكى دۇنياسى كۈچلۈك ئادەم بولالايدۇ . ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئورنىنى تىپىڭ ، سىز ئوخشاشلا قىممىتى بولغان كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشەلەيسىز .
5.ھورۇنلۇقنى تاشلاڭ
تىرىشچانلىق تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ . پەۋقۇلادە ماھارەت بولسا مەلۇم بىر ئادەتتىكى كىچىك ئىشنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ ، ھەمدە ئەسكەرتىشنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ . تىرىشچان ، ساغلام ، ئاقكۆڭۈل بولغان سىز چوقۇم بىر پارلاق كىشىلىك ھاياتقا ئېرىشىسىز .
6.پاسسىپلىقنى تاشلاڭ
ئۈمىدسىزلىكنى ئارقىغا تاشلىۋىتىپ ، ئۈمىدۋار ياشاڭ . ئەگەر سىز بىر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىگە ئايلانماقچى بولغان بولىسىڭىز ، ئۇنداقتا ‹‹ ئەڭ ياخشى بولغان ئۆزىڭىز ›› ئۈچۈن غەيرەت قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ پاسسىپ ھالىتى ئۈستىدىن غالىپ كېلىڭ . ئالىيجاناپلىق ئارقىلىق پەسكەشلىكنى ، سەمىميلىك ئارقىلىق ساختىلىقنى ، كەڭ قورساقلىق ئارقىلىق ئىچى تارلىقنى ، خوشاللىق ئارقىلىق قايغۇنى ، ئىشچانلىق ئارقىلىق ھورۇنلۇقنى ، قەيسەرلىك ئارقىلىق ئاجىزلىقنى ، ئۇلۇغلۇق ئارقىلىق رەزىللىكنى مەغلۇپ قىلىڭ . پەقەتلا خالىسىڭىز ، بىر ئۆمۈر ئەڭ ياخشى ئۆزىڭىز بولالايسىز . ئۆزىڭىزدىن باشقا ھېچكىم سىزدىن ئېشىپ كىتەلمەيدۇ . ئۆزىڭىزنىڭ جىڭىدە پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۇرۇش پىلانىنى ئوتتورىغا قويغان گېنرال بولىسىز .
7.ئاغرىنىشنى چۆرۈپ تاشلاڭ
ئاغرىنغاندىن تىرىشقان ئەۋزەل . بارلىق مەغلۇبىيەتلەر مۇۋەپپىقىيەت ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ . ئاغرىنىش ۋە بەل قويىۋىتىش پەقەتلا مۇۋەپپىقىيەتنىڭ سىزگە قاراپ مېڭىۋاتقان قەدەملىرىنى توسۇپ قويىدۇ ، خالاس . ئاغرىنىشنى چۆرۈپ تاشلاپ ، ئېغىر بىسىقلىق بىلەن مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىش شەك - شۆبىھسىز ئاقىللارنىڭ ئۇسلۇبى . ئاغرىنىش ھازىرىقى ئەھۋالىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتەلمەيدۇ . تىرىشسىلا ئاندىن ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ . ھەقىقىي ئالتۇن پەقەت ئۆزىنى ئۆزى كۆمۈپ قويمىسا ، پۈتۈن ھوجۇدى بىلەن نۇ چىچىشنى ئويلىسىلا ، ئاخىرى بىر كۈنى نۇر چاچالايدۇ ، تۇرمۇشتىن ئاغرىنماڭ ، تۇرمۇش كۈتكەن يېرىمدىن چىقمىدى دەپ ئويلىماڭ . سىزنىڭ ئېرىشكەنلىرىڭىز باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشلا كۆپ .
8. ئىككىلەنمەڭ
دەرھال ھەرىكەتلەنىسڭىز ، غەلبىڭىز كۆپ بولىدۇ . نىيەت قىلغان ئىشقا لىڭتاسمىلىق قىلماڭ ،تاللىغان يۆلىنىشىڭىزدە توختىماستىن مېڭىڭ ، كەينىڭىزگە قارىماڭ . دەرھال ھەرىكەتلىنىش مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى . ئەگەر سىز ياخشى پۇرسەتكە ئۇچراپ قالسىڭىز دەرھال چىڭ تۇتۇڭ . دەرھال ھەرىكەتلەنسىڭىز مۇۋەپپىقىيىتىڭىز كۆپ بولىدۇ .
9. ئىچى تارلىقنى تاشلاڭ
كۆڭلى كۆكسىڭىز كەڭ بولسا ، جاھانمۇ كەڭرى بولىدۇ . كەڭ قورساقلىق بولسا بىر خىل ئېسىل پەزىلەت . باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىگە يول قويغانلىق ، پەقەت كەڭ قورساقلىققا تولغان دۇنيادا كىشىلەر ئاندىن ئىناقلىقنىڭ ھاياتلىق ناخشىسىنى ياڭرىتالايدۇ .
10. گۇماننى چۆرۈپ تاشلاڭ
كۆڭلىڭىزدە گۇمان بولسا ، ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىقىشىڭىز تەسكە توختايدۇ . ئادەم ئىشلەتسىڭىز گۇمان قىلماڭ ، گۇمان قىلغان ئادەمنى ئىشلەتمەڭ . شۇ ئادەمنى تاللىغانكەنسىز ئۇنىڭدىن گۇمان قىلماڭ . بولمىسا ئوتتۇراڭلاردىكى دوسلۇققا تەسىر يىتىدۇ .



خەتكۈچلەر:
12-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
23-05-2016
    مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 50 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە ياردەم بېرىدىغان بولۇپ، ئىككى جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ياردەم كېلىشىمى ئىمزالاپ، ياردەم بېرىش خىزمىت...
23-05-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاينۇرە خەۋىرى: ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ (ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە يەسلىلەرگە 11 مىڭ 853 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.  ...
21-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىل...
Powered by Leglek