گۇئاردىئولا: بۇنچە تېز چېمپىيۇن بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان

بۈگۈن سەھەردىكى بىر مەيدان گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئالدىنقى پەسىللىك ھەممە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيۇنى بولغان بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى مېھمان مەيداندا يېڭىدىن دەرىجە ئۆسكەن بىرلىن خىتا كۇلۇۈبىنى ئۇتۇپ ، بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يەنە يەتتە ئايلانما مۇسابىقىسى ئوينالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىرلەشمىدىكى رەت تەرتىپى ئىككىنچى بولغان دورتمۇند كۇلۇبىدىن 25 نومۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشماستىلا چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشتى.

 

يەتتە ئايلانما ئالدىن چېمپىيۇنلۇققا ئېرىشىش گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ بۇرۇن چېمپىيۇن بۇلۇش رېكورتىنى ياراتتى. ھەمدە پەسىل ئاتلاپ بىرلەشمە مۇسابىقىدە 52 مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىسىمۇ گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتتى. بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى گۇئاردىيولا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىن تېخىمۇ ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

«مەن بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىن ناھايىتى رازى،بۇ بايرىن كۇلۇبى ئېرىشكەن يەنە بىر مۇھىم چېمپىيۇنلۇق.بىز ناھايىتى ئۇلۇغ بولغان بىر مۇسابىقە پەسلىنى باشتىن كەچۈردۇق.ئەمدى بىزنىڭ مۇشۇلاردىن ھۇزۇرلىنىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ھەرخىل لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسىدە پەقەت تۆت بەش مەيدان يەڭسىلا چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.بىراق بىرلەشمە مۇسابىقىدە بىز چوقۇم ھەر ھەپتە، ھەر كۈنىتىرىشىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك.توپچىلارمۇ بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشىپ مەشىق قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقى ئۇلارنىڭ ھەر كۈنى جاپا تارتىپ مەشىق قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.» دېدى گۇئاردىئولا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىدىن كېيىن.

 

گۇئاردىئولا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ بۇنچە تېز گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇپ مۇنداق دېدى:« مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدا مەن ھەممە ئىشىمنىڭ ئۇتۇقلۇق ئىلگىرلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، بىراق ئەزەلدىن مۇنداق ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. دەسلەپكى تۆت بەش ئاي ئىچىدە بىزدە مەسىلىلەر خېلى كۆپ ئىدى، ھەم خېلى يارىدار توپچىلارمۇ بار ئىدى، ھەمدە توپچىلارنىڭ ھالىتىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. بىراق توپچىلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە خىسلىتى بىزنىڭ نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ئۇتۇپ چىقىشىمىزغا ئاساس بولدى. كېيىنچە بىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتۇق.»

 

بايرىن كۇلۇبىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھەممە مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى بار. ئۇلار گېرمانىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئاللىقاچان تۆت كۈچلۈككە كىردى.ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدىمۇ سەككىز كۈچلۈككە كىردى. شۇڭا بۇ يىلمۇ ئۇلار ھەممە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچ زور.

 

 

پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
27-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
  2016-يىلى 11-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 3:30 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدا مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا 2-3 نەتىجە مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئارسېنال كوماندىسىنىڭ بىرلەشمە رەت تەرتىپى ئالدىنقى...
11-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 10-ماي، رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن NHL توپچىلىرى بىلەن مۇز توپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. پۇتىن ئۆزى مەيدانغا چۈشۈپ توپ ئويناپ، يۇقىرى بولغان مۇز توپ ماھارىتىنى كۆرسەتتى، ھەمدە ئاخىرىدا پۇ...
11-05-2016
مېسسى بىلەن سۇئارېز مۇسابىقە مەيدانىدا ياخشى ھەمكارلاشقۇچى بولۇپلا قالماستىن، مەيدان سىرتىدىمۇ يېقىن دوستلاردىن. شۇ يەر ۋاقتى دۈشەنبە كۈنى كەچتە، مېسسى ۋە سۇئارېز ئۆزلىرىنىڭ ھەمراھلىرىنى ئېلىپ بىرلىكتە كەچلىك تاماق يېگەن، بۇ ئىككى ئائىلە...
11-05-2016
       2016-يىلى 11-ماي سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 3:30 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە تولۇقلاپ ئوينالدى. مۇسابىقىدە مانچېستېر بىرلەشمىسى مېھمان مەيداندا ...
11-05-2016
   پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى 3-ئايلانما مۇسابىقىسى     مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندا: شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى VS بېيجىڭ گوئەن       مۇسابىقە ۋاقتى: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ك...
11-05-2016
    بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ، خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى بېنزىمانىڭ توپ كىرگۈزۈش سىتاستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ پەسىل بېنزىمانىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلغاندىن بۇيانقى ئىپادىسى ئ...
11-05-2016
    بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، داڭلىق تەنتەربىيە ئاخبارات ۋاستىسى «goal» بۇ پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىنى ئېلان قىلدى، بۇ سەپ شەكلىدىكى 11 توپچى خانلىق مادرىد، بارس...
11-05-2016
     نېيمارنىڭ كەلگۈسى ئىزچىل غەرب تاراتقۇسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. مادرىد ۋە پارىژ ئىككىلىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن 190 مىليون ياۋرولۇق توختام بۇزۇش ھەققىنى تۆلەشنى خالايدۇ، نېيما...
10-05-2016
مۇخبىرنىڭ 2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» ئۈرۈمچى بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 14-ماي باشلىنىدىغان بۇ مۇسابىقىگە 48 ئەل ئىچى پۇتبول كوماندىسى قاتنىشىدىكەن، مۇسابى...
10-05-2016
     بىرازىلىيەنىڭ پۇتبول مەيدانىدا يەنە ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى. سان فىرانسىسكو ماسخيو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان  پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پۇتبول مەستانىلىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئىككى تەرەپ...
Powered by Leglek