جاھان ئاگېنتلىقى 5-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا قىسقا بىر مەزگىل بۇرۇن ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلىشقا ئالاقىدار ئاۋاز ھۆججىتى ئاشكارىلانغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ ئورنىغا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە مەجدى ئابدۇلغەففار تەيىنلەندى. مىسىردا ئالدىنقى ھەپتە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ ئارمىيە ۋە ساقچى خادىملىرى بىلەن ئاچقان يىغىنىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەلجەزىرە تورى ئېرىشكەن ئاۋاز ھۆججىتىدە، ئىبراھىم ھەربى ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىش قىلغانلارنى چەكلەش ئۈچۈن ئارمىيە ۋە ساقچىلاردىن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان. ئىبراھىم سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى بىلەن ئاياغلاشقان 30-ئىيۇن نامايىشىغا ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ زور دەرىجىدە ياردەم قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئىبراھىم ئاۋاز ھۆججىتىدە، «ھەممىمىز بارلىق رەھبەرلەر، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھاكىمىيتى ۋە ئىسلامچىل سىياسەت ئېقىمىغا قارشى. سىلەر بىلەن 30-ئىيۇندىن بۇرۇن يىغىن ئاچتۇق. سىلەرگە يىغىندا 30- ئىيۇن نامايىشىغا قارشى ياردەم بېرىڭلار دېدىم. بەلكى ئۇ ۋاقىتتا ئېنىق شەكىلدە ئېيتالمىدىم، ئەمما سىلەر چۈشەندىڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا تەلىماتلار ئاشكارا بولدى. ھېچبىرىمىز ئىككىلەنمىدۇق» . دىگەن.
ئاۋاز ھۆججىتىدە ئىبراھىمنىڭ ساقچى مۇدىرىغا« 30 -ئىيۇن نامايىشلىرىدىن كېيىن ھەر قانداق بىر قارشىلىق ياكى نامايىش يۈز بەرمەيدۇ. يۈز بەرسىمۇ غەلبىلىك بولمايدۇ. چۈنكى ئارمىيە ۋە ساقچىلارنىڭ ياردىمى بولماستىن ھېچبىر ھەرىكەت غەلبىلىك بولمايدۇ. 30—ئىيۇندا بىز ۋە ئارمىيە نامايىشلارنى قوللايتتۇق، ئەمدى نامايىشلارغا ياردەم ب بېرىمىزمۇ؟ » دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved