پۇتىننىڭ چوڭ قىزى مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسىكەن

       ئىزچىل تۈردە، پۇتىننىڭ چوڭ قىزى روسىيەدىكى بىر نەچچە چوڭ يېشىلمىگەن سىرلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. بۇ زۇڭتۇڭ قىزىنىڭ سالاھىيىتىنى ناھايىتى قاتتىق قوغدىغان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا دەخلى قىلىشىنى خالىمايدىكەن. لېكىن يېقىندا، بۇ ئىش ئاشكارلانغان. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-چېسلادىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، مەلۇم تاراتقۇ پۇتىننىڭ چوڭ قىزىنىڭ رەسىمىنى تارتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزنىڭ سالاھىيىتىمۇ تۇنجى قېتىم ئاشكارلانغان.

      پۇتىننىڭ چوڭ قىزىنىڭ ئىسمى مارىيا بولۇپ، بۇ يىل 30 ياشتا ئىكەن. بۇرۇن بىر مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. مارىيا گۈزەل ھەم دەرسلەردە ئەلاچى قىزلاردىن ئىكەن. 2011-يىلى روسىيەدىكى بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك داڭلىق مەكتەپلەردىن بىرى بولغان موسكىۋا دۆلەت ئىگىلىكى ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ دوكتورلۇقىغا قوبۇل قىلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇش نەتىجىسى ياخشى بولغاچقا ھەم پەتەكلىك كېسىلى توغرىسىدىكى بىر تەجرىبىنى تاماملىغاچقا دوكتورلۇققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنغان.

 

        تاراتقۇلارنىڭ پۇتىننىڭ چوڭ قىزىنىڭ چىرايىغا بولغان باھاسى بولسا دادىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ چىرايىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەن. بۇنداق چىرايلىق قىز چوقۇم توي قىلىپ بولغان بولىدۇ-دە. ئۇنىڭ يولدىشى بىر گوللاندىيەلىك سودىگەر بولۇپ، بۇ يىل 36 ياشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ روسىيە ۋە گوللاندىيەدە ئاز بولمىغان بايلىقى بار ئىكەن.

        تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەر-ئاياللارنىڭ بىر ئوماق قىزى بار بولۇپ، پۇتىن ئاللىقاچان بوۋا بولۇپ بولدى دېگەن گەپ. ھازىر مارىيا بىر ئائىلە ئۈچ كىشى موسكىۋادىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ ئەتراپىدا تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن كونسۇلخانىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇ چوڭ تۇرالغۇ ئىلگىرى سىتالىننىڭ تۇرالغۇسى بولغان بولۇپ، ھازىرمۇ بۇ تۇرالغۇنى مۇھاپىزەت قىلىش شۇنچە قاتتىق ئىكەن. ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ يەرگە يېقىنلىشالمايدىكەن

        ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە، ئۆگىنىشتىن باشقا، مارىيا ناھايىتى ئويۇنخۇمار ئىكەن. تاراتقۇلار ئۇنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىغان. دادىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلىرى بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ دوستلىرى ئىچىدە ھەمجىنىسلار كۆپ ئىكەن. ئۇمۇ بۇنداق دوستلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىكەن.  

         مارىيا ناھايىتى ئاددىي-ساددا بولۇپ، مەكتەپكە بارغاندا ئىزچىل تۈردە ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى ماشانى قوللانغان. ۋاقتى بولسىلا، ئۇ دوستلىرى بىلەن بىللە سىرتلارغا چىقىپ ئوينايدىكەن. مەسىلەن: نىقابلىق ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق. 2008-يىلىدىكى بىر مەيدان نىقابلىق ئۇسسۇل كېچىلىكىدە مارىيا 19-ئەسىردىكى ئىتالىيە ئاقسۆڭەكلىرىدەك ياسىنىۋالغان.

          مارىيامۇ سەيلە كېمىسىدە ئارام كۈنلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلانغان. ياۋروپادىن باشقا، مارىيا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شەرق پۇرىقىغا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ قالغان. ئۇ 2009-يىلى ياپونىيەگە بېرىپ ئۇسسۇل ئۆگەنگەن. ئۇ ھەقىقەتەن قابىلىيەتلىك بىر قىز.

       ئاددىي-ساددا بولغان ئاچىسىغا سېلىشتۇرغاندا، پۇتىننىڭ ئىككىنچى قىزى تېخىمۇ داڭلىق. تاراتقۇلار ئىككىنچى قىزىنىڭ سالاھىيىتىنى بۇرۇنلا ئاشكارلىغان. بۇ يىل 29 ياشتا بولغان يىكاتىرىنا تىكونوۋا بىر ئۇتۇق قازانغان ئۇسسۇلچى ۋە سودىگەر. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە موسكىۋا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ قىممىتى 11 مىليارد يۈەنلىك كېڭەيتىش تۈرىنىڭ مەسئۇلى ئىكەن.

         پۇتىننىڭ ئىككى قىزىنىڭ گېپى بولسا پۇتىن ھەرگىزمۇ ماختاش سۆزلىرىنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. بۇرۇن پۇتىن تاراتقۇلارغا ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا، قىزىنىڭ ئۈچ خىل ياۋروپا تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلىقىنى ھەمدە كەسپىي جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىسى بارلىقىنى ئېيتقان.



خەتكۈچلەر:
05-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek