جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ئۆز قەرەلىدە يەرشارىغا چۈشتى

سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.14-دېكابىر ۋە 17-دېكابىر يىلدا بىر قېتىم يەر شارىغا چۈشىدىغان ئاقار يۇلتۇز ئەڭ كۆپ كۈن بۇ يىلمۇ ئوخشاشلا .نۇرغۇن ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئىشتىن سىرتقى ھەۋەسكارلار كېچىچە ئۇخلىماي ئاقار يۇلتۇزنىڭ كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتكەن گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلدى .
گېرمانىيىلىك ئاسترونوم ئاندىرىياس بۇ ھەيۋەتلىك ئاسترونومىيە ھادىسىسىنى خاتىرىلىۋالدى .

 

14-دېكابىر تاڭ سەھەردە گېرمانىيە ئاستىرنومى ئاندىرىياس گېرمانىيىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن جايدا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى كۆزەتتى ھەمدە شۇ چاغدا ئېقىپ چۈشكەن ئاقار يۇلتۇزنىڭ كۆرۈنۈشىنى سىنغا ئېلىۋالدى .ئۇ مۇنداق دېدى :‹جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ھەرىكتى بىر يىل ئىچىدە ھەرىكىتى ئەڭ جانلىق بولغان ئاقار يۇلتۇز ھەرىكىتىنىڭ بىرى ،بۇ يىل ئۇلار ھەپتە ئاخىرىدا ئەڭ كۇپ كۆرۈلدى ،بۇنىڭدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم ،ئەگەر شارائىت ياخشى بولسا ھەر بىر سائەتتە 120 ئاقار يۇلتۇزنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتلىك ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى ئالەم چاڭ توزان دانىچىلىرىغا كىرگەنلىكىنى كۆرەلەيسىز ،ئۇلار مۇشۇنداق تېز سۈرەتتە چۈشۈش جەريانىدا كۆيىدۇ ،كۆيگەن ئوت يالقۇنلىرىدىن ئاقار يۇلتۇزنىڭ ئاققان ھالەتتىكى قىياپىتىنى كۆرەلەيمىز ›.


.ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى ئادەتتە قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئېلىپ كېلىدۇ ،ئەمما ھەر يىلى مۇشۇ چاغدا پەيدا بولىدىغان جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى بولسا بۇنىڭ سىرتىدا .ئۇ ئەسلى 3200 پائىتونلۇق كىچىك تىپتىكى سەييارە دەپ ئاتىلىدۇ ،ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنىڭ بۇنداق دەپ ئاتىلىپ قېلىشى ئۇنىڭدىكى ئاقار يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئۇنىڭدىكى |جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى رادىئاتسىيە مەنبەسىدىن كەلگەنلىكىدىن بولغان .جەۋزا ئاقار يۇلتۇزى يامغۇرىنى كۆزىتىشكە بولىدۇ ،چۈنكى ئۇ سۇس ئاق رەڭدە ،يەنى كېلىپ سۈرىتى بىر قەدەر ئاستا ،يۇرۇق چاقنايدىغان يۇلتۇزلار ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ بۇلۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە .جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمدىكى رادىئاتسىيە نۇقتىسى قاش قارايغان چاغدا شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ ،پۈتۈن بىر كېچە ئاقار يۇلتۇزنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا جە ۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىگە تەۋە بۇ ئاقار يۇلتۇز يامغۇردا دائىم كۆرۈلىدىغان ئوت قۇيرۇقلۇق ئاقار يۇلتۇزمۇ ھەۋەسكارلارنىڭ كېچىدە ئۇخلىماي تاماشا قىلىدىغان ئوبىيېكتى بۇلۇپ قالغان .

 

جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى بولغاچقا، 12-ئايدىكى ئاسمان جىمجىتلىق ھېس قىلمىدى. ئالدىن مەلۇمات بىرىشچە، بۇ يىلقى جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى 14-چىسلا كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا پەيدا بولىدىكەن، ئەگەر ھاۋا ئوچۇق بولسا، شەرقىي شىمال يۆنىلىشىدە كۆز بىلەن ئاقار يۇلتۇزنىڭ كەچكى ئاسماننى سىيپاپ ئۆتكەن گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن.


جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى، كۋادرانت ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ۋە پېرسېى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى شىمالىي يېرىم شارىدىكى ئۈچ چوڭ ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە يەر شارىدا پەيدا بولىدىكەن، ئەڭ چوڭ بولغاندا ھەر سائەتتىكى زېنىتنىڭ ئېقىش مىقدارى 120 تال ئەتراپىدا بولىدىكەن.
تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنى كۆزىتىشكە بىر قەدەر ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى بار ئىكەن: بىرىنچى رەڭگى ئاقراق بولىدىكەن؛

ئىككىنچى ئاقار يۇلتۇزنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدىكەن.

 

ئۈچىنچى پارقىراق ئاقار يۇلتۇزلا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەمىشە ئوت ئاقار يۇلتۇزلارنى ئېلىپ يۈرۈيدىكەن. تۆتىنچى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى رايونىدىكى رادىئاتسىيە نۇقتىسى ئەمدىلا قاراڭغۇ چۈشكەندە شەرقتىن كۆتۈرۈلىدىكەن، پۈتۈن كېچە ئاقار يۇلتۇزنى كۆزەتكىلى بولىدىكەن.ئاسترونومىيە مۇتەخەسىسلىرى، تىيەنجىن شەھەرلىك ئاسترونومىيە ئىلىمى كېڭەش ئەزاسى جاۋ جى خېڭ كۆرسەتمە بىرىپ، 14-چىسلا دېھقانلار كالىندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاي كېيىنكى يېرىم چەمبەر ھالىتىگە كىلىدىغان بولغاچقا، ئالدىنقى يېرىم كېچىدە كۆزەتكەندە ئاي نۇرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدىكەن.جاۋ جى خېڭ، جەۋزا ئاقار يۇلتۇز يامغۇرىنىڭ ھەر يىلى پەيدا بولىدىغان سانى بىر قەدەر مۇقىم، قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چىراغ يورۇغى يوق شارائىتتا كۆزىتىشنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ دېدى، لېكىن چوقۇم بىخەتەرلىككە ۋە ئۆزىنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش كېرەككەن.

 

ئاسترونومىيە مۇتەخەسىسلىرى بىردەك ئەسكەرتىپ، نۆۋەتتە ئىنسانلار تېخى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ئانا تىنىدىكى سۈپۈرگە يۇلتۇزى چاڭ توزانلىرىنىڭ تارقىلىش تۈزۈلىشىنى توغرا ھېساپلاپ چىقالمىغان، شۇ سەۋەب تۈپەيلى كۈننىڭ تۇتۇلۇشى ۋە ئاينىڭ تۇتۇلۇشىغا ئوخشاش، ئاقار يۇلتۇزلارنىڭ پەيدا بولىشى ۋە كۆلىمىگە توغرا مەلۇمات بېرەلمىگەن، كۆپچىلىك كۆزەتكەندە چوقۇم كۆڭلىدە تەييارلىق بولىشى كېرەككەن.جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاقار يۇلتۇزلىرى ئاساسلىق ھەرىكەت ۋاقتىغا قەدەم قويغان بولۇپ، 11-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىسى جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمى ئاقار يۇلتۇزلىرى پەۋقۇلئاددە چوڭ ھەرىكەت مەزگىلىگە كىرىپ ھەر سائەتلىك ئېقىش سانى 120 گە يېتىدۇ.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :leglek



خەتكۈچلەر:
22-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek