يەر شارى خەۋەر تورى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىردا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى «ئىخۋان» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يۈزدە 65% نى ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىسىر سىرتىدىكى مىسىرلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىرى ئىشخانا مۇدىرى ئەھمەد ئابدۇرراھمان، بىر تېلىۋېزور قانىلىدا سۆز قىلىپ؛ «مىسىر مىقياسىدىكى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى سايلىمىنى تاماملىدۇق، يېڭىدىن سايلانغانلارنىڭ ھەممىسى تۈرمىدە بولمىغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ» دېدى. ئابدۇرراھمان، تۈرمىدىكى بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى فەييۇم ۋىلايىتىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبىرى سەئىد ئابدۇرراھمان ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئابدۇرراھمانغا ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن رەھبەرلەر سايلاندى. يېڭى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ياشلاردىن تەركىب تاپقان، ئوتتۇرچە يېشى 40 ئەتراپىدا. بىز پىلانلىغان نىشانىمىزغا قىسقا مەزگىل ئىچىدە يېتىمىز» دېدى.
ئابدۇرراھمان، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى ئالماشتۇرغانلىقى، تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىرىنى چەتئەلگە چىقارغانلىقىنى بۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتكە چىققان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكەت-كۈرەشلىرىنى چەتئەلدە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرراھمان، ئىككى ئاي ئىلگىرى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە مۇسۇلمان قېرىنداشلار رەھبەرلىك كومىتىتىنىڭ تاماملانغانلىقى ۋە 11 كىشىدىن تەشكىللەنگەنلىقىنى ئەسلىتىپ، سابىق مىنىستىرلاردىن ئامىر دەرراجنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ سىياسى مەسئۇلى بولغانلىقىنى، يەنە سابىق مىنىستىر يەھيا ھامىدىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى بولۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىسىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار، پرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان 2013-يىلى 3-ئىيۇندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تېلىۋىزوردا بايانات ئېلان قىلدى. قاھىرە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى رەھبەرلىك كومىتىتى باشلىقى مۇھەممەد بەدىئى بىلەن 13 نەپەر رەھبىرى، 2015-يىلى 11-ئاپرېلدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، مىسىرنىڭ تۇنجى سايلانغان پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى ئۆزى ھەققىدە ئېچىلغان تۈرلۈك داۋالار سەۋەبىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ! ئىزدەش نامى: LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved