شىنخۇا تورى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىېيجىڭدىن بەرگەن تېلىگىراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى مەركىزىيى سىياسى بيۇرۇسى يىغىن ئېچىپ جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنڭ « جوۋيۇڭكانىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا ئىخلاپلىق قىلغان دىلوسىدىكى تەكشۈرۈش دولاتىغا » قاراپ چىقىپ جوۋيۇڭكاڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، بۇ مەسلىلەرنى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرۇپ بىرىش قارارىنى چىقاردى
2013 - يىل 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەركىزى سىياسى بيۇرۇ دائىمي ھەيئەت يىغىنى چاقىرىپ مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى دىلونى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى جوۋيۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئىخلاپلىق قىلغان يىپ ئۇچى دوكىلاتنى ئاڭلاپ چىقىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى .
2014 - يىل 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مەركىزىي سىياسى بيۇرۇ يىغىن ئچىپ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ قانات يايدۇرۇپ تەكشۈرۈش خىزمەت ئەھۋالى دوكلاتىنى ئاڭلاپ جوۋيۇڭكاڭغا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى .
تەكشۈرۈشتىن كېيىن جوۋيۇڭكاڭ ئېغىر دەرىجىدە پارتىيە ئىنتىزامىغا ، كولىكتىپ ئىنتىزامغا ، مەخپىيەتلىك ئىنتىزامىغا ئىخلاپلىق قىلغان . ئۆزىنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كۆپلىگەن كىشلەردىن قانۇسىز پايدا ئالغان ، بىۋاستە ياكى ئائىلىسى ۋاستلىك زور مىقداردا پارە ئالغان . ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ تۇققانلىرىغا ، ئاشنىسغا ، دوسىتلىرىغا زور كۆلەمدە پارە ئېلىشغا ياردەم قىلغان . دۆلەت مەنپەتىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراتقان .؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلىغا . پاك بولۇش ئىنتىزامىغا ئخلاپلىق قىلغان . ئۆزى ۋە ئائلىسدىكلەر باشقىلارنىڭ نۇرغۇن پارەسىنى ئالغان .نۇرغۇن قىزلار بىلەن شەھۋانىي پائالىيە بىلەن شۇغۇللانغان . تەكشۈرۈشتە جوۋيۇڭكانىڭ يەنە باشقا جىنايى يىپ ئۇچى بايقالدى . جوۋيۇڭكانىڭ قىلمىشى پارتىيەنىڭ خارەكتىرى ۋە ئاساسىي مەقسىتگە تۈپتىن ئىخلاپ ، ئېغىر دەرىجىدە پارتىيەنىڭ ئىنتىزامىغا ئخلاپلىق قىلغان ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى قاتتىق چۈشۈرگەن . پارتىيە ۋە خەلققە سالغان زېيىنى ئېغىر تەسىرى ناھايىتى يامان .
2014 - يىل 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى مەركىزىيى سىياسى بيۇرۇسى يىغىن ئېچىپ جوڭگو كومىنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنڭ « جوۋيۇڭكانىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا ئىخلاپلىق قىلغان دىلوسىدىكى تەكشۈرۈش دولاتىغا » قاراپ چىقىپ جوۋيۇڭكاڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ ، بۇ مەسلىلەرنى قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشغا تاپشۇرۇپ بىرىش قارارىنى چىقاردى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved