ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشۇشقا يەنە ئەڭ ئاخىرقى بىر يىل قالدى، 1-خانىم مىچېلمۇ شان-شۆھرىتىدىن چۈشۈپ ئاقسارايدىن ئايرىلىدۇ. مىچېل ئامېرىكا ئاممىسىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن، بەزىلەر ئىختىيارسىز ھالدا: كەلگۈسىدە ئۇ سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇپ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تالىشارمۇ؟ دەپ سوراشتى، يېقىندا لوئىزاننا شىتاتىدىكى سايلىغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئوباما چاقچاق قىلىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە ئۆلۈم، باج تاپشۇرۇش ۋە مىچېلنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشماسلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشىنىڭ بېكىتىلىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى. زۇڭتۇڭ ئېرىغا ئەگىشىپ جاھان كېزىپ يۈرگەن مۇشۇ يىللاردا مىچېل بىر تەرەپتىن ئوباماغا ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن زۇڭتۇڭنىڭ سىياسىي قاراشلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، «نەمۇنىلىك ئايال»، «سايلام رىقابىتى ماھىرى»لىق ئوبرازى بىلەن كىشىلەر قەلبىگە ئورناپ كەتتى.
ئەمدى زۇڭتۇڭ خانىمى بولالمىغانىكەن ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان مىچېل يەنە قانداق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنالايدۇ؟ بۇنى بىز بىرلىكتە يۈرەكلىك ھالدا پەرەز قىلىپ باقايلى.
قانۇن ساھەسىدىكى نازىنىن
ئوباما تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى ھەتتا ئوباما بىلەن تونۇشۇشتىن ئىلگىرى، مىچېلمۇ مۇستەقىل قارىشى بار نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئاياللارغا ئوخشاش كەسىپتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، كەسپىي ئىشلىرىنى روناق تاپقۇزغان. مىچېلنى مۇئاشلىقلار قاتلىمىدىن كېلىپ چىققان دەپ قارىماڭ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆلچەملىك ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقىغان ھەمدە پرىنسېتون ئۇنۋېرسىتېتى ۋە خارۋارد ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قانۇن پەنلىرىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇنىڭ تۇنجى خىزمىتىمۇ دەل ئادۋوكاتلىق.
داڭلىق سىدلېي خەلقئارا ئادۋوكاتلىق ئورنىدا مىچېل ئاساسلىقى بازار تىجارىتى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇن خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان. مىچېل ھەم يەنە شۇ يەردە 1989-يىلى پىراكتىكانت ئوباما بىلەن ئۇچراشقان. ھازىر گەرچە مىچېل قانۇن كەسپىدىن ئۇزۇن يىل ئايرىلغان بولسىمۇ، ئەگەر ئۇزۇن يىلدىن بۇيان توپلىغان نام-شۆھرىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، داڭلىق ئادۋوكاتلىق ئورنى قۇرۇپ چىقىش تەس ئەمەس.
جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسى
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا مىچېل ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، چىكاگو شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى بولغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئاممىۋى ئىشلار ۋە جەمئىيەت ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا زور ئىشتىياق بىلەن كىرىشكەن. 1993-يىلى، مىچېل چىكاگودىكى بىر ئاممىۋى پاراۋانلىق تەربىيلەش تۈرىنىڭ مەسئۇلى بولدى، 1996-يىلى چىكاگو ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى ھەمدە ئۇنۋېرسىتېت ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مەركىزىنى تەسىس قىلدى. 2002-يىلى مىچېل چىكاگو ئۇنۋېرسىتېتى داۋالاش مەركىزىنىڭ مەھەللە ئىشلىرى ئىجىرائىيە مۇدىرى بولدى، 2015-يىلى مۇئاۋىن باش مۇدىرلىققا ئۆستۈرۈلدى، تاكى ھازىرغىچە مەزكۇر مەركەزنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باش مۇدىرلىقىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.
2008-يىلىدىن بۇيان زۇڭتۇڭ خانىمى بولۇش سۈپىتىدە، مىچېل ئاممىۋى پاراۋانلىق ساھەسىدە تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى، مەسىلەن: ياش-ئۆسمۈرلەرنى مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، ھەرىكەت ئارقىلىق ئورۇقلاشنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىش، قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئاكتىپ، ساغلام بولغان شەخسىي ئوبرازىمۇ كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇندىن كېيىن، مىچېل داۋاملىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ دەپ پەرەز قىلساق، ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولۇپلا قالماي تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە ياردەم قىلالايدۇ، شۇنداق بولمايدۇ دېيەلەمسىز؟
چولپان ناتىق
كىشىلەر دائىم ئۇتۇق قازانغان ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئۇلۇغ ئايال بار دېيىشىدۇ. ئامېرىكىدىكى «1-ئائىلە»دە، پەقەت چىن كۆڭلىدىن بەدەل تۆلىسىلا يېتەرلىك ئەمەس، مۇراسىم سورۇنلىرىدىن تارتىپ ئاشخانىدا تاماق ئېتىشكىچە ھەممىسى ئەڭ ئاساسلىق تەلەپ. زۇڭتۇڭ ئېرى قوللاشقا موھتاج بولغاندا، 1-خانىم مەيدانغا چۈشۈش زۆرۈر بولغاندا چوقۇم مەيدانغا چۈشىشى كېرەك. ئوباما 2007-يىلى تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقاندا مىچېل ئېرىگە ئەگىشىپ «جەڭ»گە ئاتلىنىپ، سايلام رىقابىتىگە پائالىيىتىگە ئىزچىل ھەمراھ بولدى. 2012-يىلى ئوباما كۈچلۈك رەقىپ بولغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نامزاتى رومىنېغا دۇچ كەلدى، مىچېل شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئامېرىكىدا سەييارە نۇتۇق سۆزلەشنى باشلىدى.
2012-يىلى سېنتەبىر دېمۇكىراتلار پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا مىچېل ئىنتايىن قالتىس تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ ئېرىگە مەدەت بەردى، «ئامېرىكا ئارزۇسى» ۋە «ئامېرىكا روھى»دىن پايدىلىنىپ، ئوباماغا ۋەزىيەتنى تەلتۆكۈس ئوڭشاپ بەردى. نۇتۇق قابىلىيىتىنىڭ ياخشىلىقى، يۈرۈش-تۇرۇشىنىڭ ئېسىللىقى بۇ ھەم مىچېل ئىلگىرىكى يىللاردا ئېرىشكەن سەرخىللار مائارىپىنىڭ پايدىسى ھەم شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭ كېيىن سىياسىي ۋە سودىدىن ئىبارەت ئىككى ساھەگە كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، سىياسىينى پىششىق بىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇنداق ئەلا ئەقىل بايلىقى تامامەن مىچېلنىڭ بۇندىن كېيىنكى تايىنىدىغان ھاياتلىق يولى بولالايدۇ. ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى يەنە بىر كۈچلۈك ئايال ھىلارى كىلىنتونغان قاراڭ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەقەت نۇتۇق سۆزلەشكە تايىنىپلا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك كىرىم قىلدى.
مودا ئاياللار سەركىسى
ئەگەر مىچېل پەقەت يۇقىرىدا ئېيتىلغان ساھەلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ دېسەك، ئۇنداقتا يەنە بىر تۈر بار، ئۇ بولسىمۇ-مودا ئېقىم ساھەسى. تاراتقۇلار قوغلىشىدىغان «1-خانىم» بولغاندىن تارتىپ، مىچېل كىيىنىش ۋە ياسىنىشقا ئەزەلدىن بىپەرۋالىق قىلمىدى. ھەرقايسى چوڭ ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا مىچېلنىڭ سۈرىتىنى بېسىشنى بەس-بەستە تالاشقانلىقىنى دېمەيلا قويايلى، ئامېرىكا مودا ئېقىم ساھەسىدىكى داڭلىق ژۇرنال «نام-شۆھرەت مەيدانى»نىڭ ئەڭ چىرايلىق كىيىنگەن ئاياللار رەت-تەرتىپى، «شەخس» ژۇرنىلىنىڭ ئەڭ چىرايلىق ياسانغانلار تىزىملىكىدىنمۇ ئۇنىڭ ئىسمىنى تاپقىلى بولىدۇ.
مانا، ئىككى كۈن ئىلگىرى ئوباما پارلامېنتتا دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى بەرگەندە، مىچېل ئوچۇق سېرىق رەڭلىك كۆينەك كىيىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ يەنە بىر قېتىم ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل پوسۇندىكى كۆينەك دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى تېخى ئاياقلاشماي تۇرۇپلا پۈتۈنلەي سېتىلىپ بولغان. گەرچە خەلقئارالىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودېللاردەك چىراي ۋە فىگورىسى بولمىسىمۇ، ئەگەر مىچېل مودا ھالىتىنى بۇرۇنقىدەكلا ساقلاپ قالسا، ئۇ دەل مودا ئېقىم ساھەسىدىكى ئەڭ سىياسىي ئارقا كۆرۈنىشى بار، سىياسىي ساھەدە ئەڭ كىيىنىشنى بىلىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ. شەخسىي ماركا قىممىتىنىڭ قايسى دەرىجىگە يېتىدىغانلىقىنى كۆپچىلىك ئۆزى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved