خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكا "فوربىس" ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق ئەر فرودىرك خۇتسۇن (Frederick Hutson) 2007 يىلى زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن 51 ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىى بىلەن تۈرمىگە سولانغان بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتا ئۇ 24 ياش ئىكەن.
خۇتسۇن تۈرمىدە تۇرۇپ، 23 مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى پۇلى بار بىر مەھبۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ نارازىلىقى تۈرمە سىرتىدىكى كىشىلەر بىلەن ئالاقىنىڭ قولايسىز ئولۇشى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تۈرمىدە ئېنتىرنىت تورى يوق، شۇڭا ئادەتتە مەھبۇسلار پەقەت پوچتىدىن خەت سېلىش ياكى سۆزلىشىش ھەققى قىممەت بولسىمۇ تېلىفۇن ئۇرۇش ئارقىلىق ئالاقىلىشاتتى.
خۇتسۇن بۇلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق بىر يېڭىلىق ئويلاپ تاپقان، يەنى: نۇرغۇن شىتات دەرىجىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇپ، يىغىنچاقلىغان بىر سۇپا قۇرۇپ چىقىش. ئاندىن بۇ سۇپا ئارقىلىق، كىشىلەرگە خالىغان جىنايەتچىنىڭ قايسى تۈرمىدە ئېكەنلىكىنى تىزلا ئىزدەپ تاپالايدىغان قولاي مۇلازىمەت تەمىن ئېتىش، شۇنداقلا بۇنى يەنە بىرخىل ئالاقە ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللىنىشتىن ئىبارەت.
بۇ يېڭىچە ئىددىيە ئاساسىدا خۇتسۇن Pigeonly شىركېتىنى قۇرغان. شىركەتنىڭ داڭلىق تاۋار مەھسۇلاتى Potopigeon (يەنى رەقەملىك باسما ئارقىلىق رەسىمنى جىنايەتچىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە) ۋە Telepigeon (IP تېلىفۇن ئارقىلىق سۆزلىشىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىدىغان ئۈسكۈنە) بىلەن شىركەت قۇرۇلغان تۇنجى يىلىلا 1 مىليۇن ئامېىرىكا دوللىرى ساپ كىرىم ياراتقان. ئارقىدىنلا گوگىلې شىركېتىنىڭ 2 مىليۇن ئامېىرىكا دوللىرىلىق مەبلىخىگە ئىرىشكەن، خۇتسۇننىڭ 2 كىشىلىك گۇرۇپپىسى تەرەققىي قىلىپ 12 كىشىلىك قوشۇنغا ئايلانغان. ئۆزى بولسا بىر مەبۇستىن پۇلدار شىركەت دىرېكتورىغا ئايلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved