يەر شارى خەۋەر تورى 4-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىئوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، يەمەندىكى ئىئوردانىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىئوردانىيە رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقى (PETRA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ساباھ ئەررىفائى ئېلان قىلغان قىلغان يازما باياناتىدا، 48 نەپەر ئىئوردانىيە پۇقراسىنىڭ قۇرۇقلۇق يولى بىلەن يەمەندىن قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رىفائى، «پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ تەلىماتى بويىچە، ھۆكۈمەت يەمەندىكى ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئىئوردانىيە پۇقرالىرىنى قايتۇرۇش خىزمىتىنى باشلىدى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن باشلىغان ئورۇنۇشلار غەلبىلىك بولدى. بىر قىسىم ۋەتەنداشلىرىمىز سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنىغا يىتىپ باردى» دېدى. رىفائى، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەندىكى ئىئوردانىيەلىكلەرنىڭ سانىنىڭ 500-1000 ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 350 نەپەر ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىسى بارلىقىىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved