شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنىغا قاتناشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-ماي خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقئارا دوستلۇق يىغىنىغا يەنى جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلقنىڭ دوستلۇقى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي كۈچى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو خەلقنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرگە ئىناق بىرگە ئۆتۈپ، تىنچ تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىش ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ئەل ئارا دىپلوماتىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ ساھەلەر، كۆپ يوللار ۋە كۆپ قاتلاملاردىن سىرت بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
شىن جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنىڭ دوستلۇقى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق كۈچ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەسكىن گەۋدىلىك بولغان يەر شارى مەسىلىلىرىدە، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ھالاۋەتتىمۇ جاپادىمۇ بىرىگە بولۇشقا موھتاج . جۇڭگو ئىشىكنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئىچىۋېتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۇرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى قۇرۇلۇشىغا تۇرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. جۇڭگو چەتئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۇرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.


شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى تارىختىن بۇيان تىنچلىقنى سۆيۈپ كەلگەن مىللەت بولۇپ، تىنچلىق ۋە ئېنىقلىق ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە ئىزدىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى، مۇستەھكەم ئىناقلىق قارشىغا ئىگە. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قېنىدا باشقىلارغا تاجاۋۇز قىلىش، دۇنياغا زومىگەر بولۇشتەك گېن يوق. جۇڭگو خەلقى زومىگەر بولۇش ئۈچۈن دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشدەك لوگىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ھەمدە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بىرگە ئىناق بىرگە ئۆتۈپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، تىنچلىق ئۇستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىپ تىنچلىقنى بىرلىكتە قوغداپ، تىنچلىقتىن بىرگە بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىنچ تەرەققىي قىلىشقا تۇرتكە بولىدۇ.


شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. ئەل ئارا دىپلوماتىيەسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىشدىكى ئىنتايىن ياخشى كۈچ. بىز دۆلەت چېگراسىدىن، بوشلۇقتىن، مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئالماشتۇرۇش ۋە بىر بىرنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىش پائالىيىتىگە تۇرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشى، قوللىشى، ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ قەلبىدىكى تىنچلىق قارشىنى چىڭىتىپ، ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشقا تۇرتكە بولۇشدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك كۈچىنى بارلىققا شەكىللەندۇرمىز.


شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەل ئارا دىپلوماتىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ ساھەلىك، كۆپ يوللۇق، كۆپ قاتلاملىق تاشقى دوستانە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن چەتئەل خەلقنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەك . كۆپ خىل ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ، ھەمكارلىق مۇنبىرىنى تېخىمۇ كۆپ يارىتىپ، چەتئەللەرنىڭ ئورگانلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن بىلەن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك . خەلقئارا دوست شەھەرلەرنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ يەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى دىپلوماتىيەگە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگونىڭ ساداسىنى تارقىتىپ، جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، دۇنياغا ھەقىقى، ستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى نامايان قىلىش كېرەك.


شى جىنپىڭ ئاخىردا مۇنداق دېدى: غايە، ئارزۇ، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىدە بولغاندىلا ھەممىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى بار، دۇنيا خەلقنىڭمۇ ئارزۇسى بار. بۇ دۇنياغا چەكسىز جانلىنىش ۋە گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ. بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالى جاناب ئىشلارنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرەيلى.



خەتكۈچلەر:
17-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek