ئەنگلىيىنىڭ ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئامېرىكا تېكساس شتاتى تەبىئىي پەن سانائەت پەنلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ 19 ياشلىق قىز ئىستۇدېنت كېندىر جۇنىس ئۆزىنىڭ ئالاقە تورى Facebook دا ئافرىقىدا ئوۋلىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغان، بۇ رەسىملەردە ئۇ جان ئۈزۈپ يەردە ياتقان ھايۋاناتلارنىڭ يېنىدا تەبەسسۇم بىلەن ئولتۇراتتى، بۇ كۆرۈنۈشلەر ھايۋاناتلارنى قوغداش تەرەپدارلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا جۇنىسنىڭ تېزدىن بۇ رەسىملەرنى ئۆچۈرىۋېتىشىنى ئېيتتى.
جۇنىس ئېلان قىلغان رەسىملەرنىڭ ئىچىدە بېگېموت، پىل، شىر قاتارلىق يىرتقۇچ ھايۋاناتلار بار بولۇپ، جۇنىسنىڭ دېيىشىچە بۇ رەسىملەر ئۆزىنىڭ ئوۋ ئوۋلاشتىكى قارىغا ئېلىش كارامىتىنى نامايەن قىلىش ئۇسۇلى ئىكەنمىش، لېكىن ھايۋاناتلارنى قوغداش تەرەپدارلىرى بولسا بۇ قىلمىش ‹كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرىدۇ› دەپ قارىغان يەنە شۇنچە كۆپ ئەتىۋارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋاناتلارنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىنمۇ توربەتلەرگە ئېلان قىلىشقا پېتىنغانلىقىدىن ئىنتايىن نارازى بولغان. شۇنداقلا باش بەتتە جۇنىسنىڭ قىلمىشىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بېلەت تاشلاپ بىر ھەپتە ئىچىدىلا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەن. بۇ نارازىلىق خېتىنىڭ مەزمۇنى بولسا : ‹ھايۋاناتلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئافرىقىدىكى ئاز سانلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋاناتلارنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتەيلى، ئۇلارنىڭ ھاياتى ئافرىقىغا بارغان ئوۋچىلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنىغا ئايلانماقتا !›
جۇنىسنىڭ دېيىشىچە ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىمۇ ھايۋاناتلارنى قوغداشنىڭ بىر خىل ئىپادىسىمىش، چۈنكى پىل، شىر قاتارلىق نەسلى قۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ھايۋاناتلارنىڭمۇ ھايات قېلىش بوشلۇقى چەكلىكمىش، ئۇ يەنە : ‹بۇ چوڭ كۆلەمدىكى قوغداش رايونى ئىچىدە ئەركەك شىرنىڭ سانىنى كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، مەن ئوۋلاشتىن چۈشكەن پۇللارنىڭ مەلۇم قىسمىنى ھۆكۈمەتكە يەنە مەلۇم قىسمىنى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ خوجايىنىغا تاپشۇردۇم، شۇنداقلا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى شىرلارنى قوغداپ، ياخشى بېقىشقا تۈرتكە بولماقچىمەن› دەپ يازغانىدى.
لېكىن ئۇنىڭ ئوۋلىغانلىرىنىڭ ئارىسىدا ئاق كەركىدانمۇ بار بولۇپ، بۇ خىل ھايۋاناتنىڭ پۈتكۈل سانى ئارانلا 20 مىڭ ئەتراپىدا بولغاچقا كىشىلەر : (بۇ قىلمىشىدىنلا ئۇنىڭ ئۆز خاتالىقىغا باھانە تېپىش ئۈچۈنلا ‹ھايۋاناتلارنى قوغدىغۇچى› سىياقىغا كىرىۋالغىنىدىن گۇمانلىنىشقا بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئافرىقىدا ئوۋ ئوۋلىشىنى چەكلىشىمىز كېرەك) دېيىشتى. جەنۇبىي ئافرىقىدىمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق نارازىلىق بىلدۈرۈش خېتى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھايۋاناتلارنىڭ جان ئۈزگەن سۈرىتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاقە توربېتىدىكى تەسىر كۈچى بىلەن جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن دەپ تەنقىدلىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved