731-قىسىم ئىتتىپاقداش ئارمىيىدىن قولغا چۈشكەن ئەسىرلەرنىمۇ تەجرىبە قىلغان

      شېنياڭ شەھىرى دادۇڭ رايونى چېنگۇڭ يولىدىكى جۇڭگو چېخوسلوۋاكىيە دوستلۇق زاۋۇتىنىڭ يېنىدا ياپون باسقۇنچىلىرى دۆلىتىمىزگە تاجاۋۇز قىلغاندا ياسىغان سۇ مۇنارى ۋە ياتاق بىناسى بار. فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ يىلدا ياپونىيىنىڭ كانتون ئارمىيىسى بۇيەرگە ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەسىرگە چۈشكەن 2000دىن ئارتۇق كىشىنى قامىغان. نۇرغۇن كىشى بۇ جاينى «شەرقتىكى ئوسۋېتسىن» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى ئەسىرلەر كانتون ئارمىيىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدىكى خارلىشىغا ئۇچرىغان.

     لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى تەتقىقاتچىلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جىلىن، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئارخىپخانىلاردىكى ئارخىپلار ۋە ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئەينى يىللاردىكى ئىشلارغا ئائىت ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن. ئامېرىكا تارىخشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەينى يىللاردا 731-قىسىم شېنياڭ ئەسىرلەر لاگېرىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئىشلىگەن. دەسلەپ بايقالغان كانتون ئارمىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ماتېرىيالدا، 1943-يىلى فېۋرالدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى مېيجىن مېيجىلاڭ ئەسىرلەر لاگېرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئەسىرلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئەسىرلەرنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقى، باكتېرىيە تەجرىبىسىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە كانتون ئارمىيىسىنىڭ ساقلىشى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن. تارىخشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر ئادەتتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە بولسا ئەسىرلەر لاگېرىغا 731-قىسىمدىكىلەرنى ئەۋەتىپ يۈرۈشنىڭ ۋە مەخپىي ھۆججەت چۈشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئاتالمىش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگىنى، ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ئالداش ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇلى ئىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار ئادەم تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغانىكەن.

731-قىسىم شېنياڭ ئەسىرلەر لاگىرغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېنىدە باكتېرىيە تەجرىبىسى قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ شۇ چاغدا شىنياڭ ئەسىرلىرى لاگېرىغا قامالغان بىر ئەسكىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، 731-قىسىمدىكىلەر ئەسىرلەرنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللار بىلەن خورلىغان، ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىنى پارچىلاپ تەجرىبە قىلغان. ئامېرىكا ئەسىرلەر جەمئىيىتى باشلىقىنىڭ  دادىسى ئىلگىرى مۇشۇ ئەسىرلەر لاگىرىغا قامالغان بولۇپ، شۇ چاغدا قىسىمدىكىلەر ئۇنىڭ دادىسىغا بىر ئوكۇل ئۇرۇش بىلەن دادىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، پۈتۈن بەدىنى تىترەپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسىرگە چۈشكەن نۇرغۇن كىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالغان. شۇ چاغدا ئاق خالات كىيىۋالغان بىر ياپون ئەسكىرى ئۇلارغا ئالدى بىلەن نومۇر سېلىپ، ئاندىن ئوكۇل ئۇرغان، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن ئۆلگەن، ئۇنى قىسىمدىكى ياخشى نىيەتلىك بىر دوختۇر قۇتقۇزۇۋالغان.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
 يېقىندا جىڭجۇ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى جىڭجۇ رايونىنىڭ ساۋشياۋ يولى گاۋلۇ كەنتى 7-گۇرۇپپىسى ئەتراپىدىكى سۇمۇرۇغ خارابىلىقىدىكى غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئىلگىرىكى مەزگىلىگە تەۋە بىر قەبرىنى قازغان. بۇ قەبرە 2000 يىللىق تارىخقا ئىگە...
29-04-2016
    يېقىندا، مۇخبىرنىڭ بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا بورتالادىكى 3000 يىل ئىلگىرىكى چوڭ تىپتىكى خارابىلىككە قارىتا قېزىش خىز...
29-04-2016
    ئۇزۇنلۇقى 30 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگرامغا يېقىن كېلىدىغان چىشنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ يېقىندا، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇشەن ناھىيەسىنىڭ جيەنپىڭ يېزىسى گۇاپياۋ كەنتىدىكى لو ۋېنتىڭ ئىسىملىك بىر كەنت ئاھالىسى ئۆزىنىڭ ئېتىزىدىن پى...
29-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىسپانىيەلىك ئىشچىلار مەزكۇر دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدا يەر ئاستى توربا يولىنى رېمونت قىلىۋاتقاندا قەدىمقى رىم دەۋرىدىكى 19 دانە كومزەكنى بايقىغان بولۇپ، بۇ كومزەكلەرنىڭ ئىچى...
29-04-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 25-ئاپرېل، ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرى شەھەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2769 يىل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ، يىرتقۇچ ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىش مەيدانىدا قەدىمكى رىمنىڭ ئېلىشىش كۆرۈنۈشىنى قايتىدىن نامايەن قىلدى. ھەتتا «...
27-04-2016
    يەتتە ئۆلكىدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىن كەلتۈرۈلگەن 226 دانە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى 26-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ئېلىپ كېلىنىپ، «ساندۇق ئېچىپ، بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇش...
26-04-2016
     1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان پىئارل خاربور پورتىغا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قوزغىدى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئارالدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرى زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىد...
25-04-2016
24-ئاپرېل، «خۇاڭگۇاڭجياۋ 1-نومۇر» ناملىق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان تاش ھەيكەل قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. شۇ كۈنى، «ۋېنخەي ___ خۇاگۇاڭجياۋ 1-نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نەنجىڭ مۇزېيىدا باشلاندى، يۈزدىن...
25-04-2016
    مۇسسۇلىن، تولۇق ئىسمى Benito Mussolini، ئۇ 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىتالىيىنىڭ فېررارا ئۆلكىسىدىن، ئىتالىيە فاشىست پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى...
25-04-2016
     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-ئاپرېل، نېپالنىڭ كاتماندودا نېپال زۇڭلىسى ئولى داراخارا مۇنارى خارابىلىكىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، نېپالدا يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2015-يىلى ...
Powered by Leglek