ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-ماي: ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى شىمال قوماندانلىق ئىشتابى ئامېرىكا زېمىندىكى بارلىق ھەربىي بازىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىيات دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئامېرىكا زېمىندىكى ھەربىي بازىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىيات دەرىجىسى بەشىنچى دەرىجىدىن ئۈچىنچى دەرىجىگە ئۆستۈرۈلدى. ئامېرىكا ئارمىيەسى بىرىنچى دەرىجىنى «تېررورلۇق تەھدىتى كۆپىيىش ھەمدە ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە بولۇش» دەپ بېكىتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جامېس كومى 7-ماي تاراتقۇ ئارقىلىق بۇ ئىدارىنىڭ ھازىرقى نۇرغۇن قېتىملىق تەكشۈرۈشىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved