ئالما شىركىتى بۈگۈن iPhone 6S ئۈچۈن ياسىغان يېڭى نۇسخىدىكى قوغداش قاپچۇقى Smart Battery Case نى ئېلان قىلغان، بۇ قاپچۇقنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى بولۇپ، iPhone 6 گىمۇ ماس كېلىدىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قوغداش قاپچۇقىنىڭ ئاق ۋە كۈلرەڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بولۇپ، يان گىرۋىكى ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىنغان، يۇمشاق ماتېرىيالدىن ياسالغان بولۇپ، ئېلىپ-سېلىشقا قولايلىق ئىكەن، يانفوننى قوغداش ۋە توك قاچىلاش رولىنى ئوينايدىكەن.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاستى تەرىپى ئايفوندىكى Lightning ئېغىزىغا ماس لايىھەلەنگەن، توكقا چېتىلغاندا، ھەم يانفون باتارىيەسى، ھەم قوغداش قاپچۇقىدىكى باتارىيە تەڭ زەرەتلىنىدىكەن. Smart Battery Case نى ئىشلەتكەندىن كىيىن، iPhone 6S نىڭ توكى 25 سائەت تېلېفوندا سۆزلىشىشكە، سۈزۈكلۈكى يۇقىرى فىلىملەرنى 20 سائەت كۆرۈشكە ۋە 4G تورىنى 18 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن.
بۇ قوغداش قاپچۇقىنىڭ ئالما ئورگان تورىدىكى باھاسى 848 يۈەن بولۇپ، بەزىلەر بۇ پۇلغا بىر خوڭمى Note 2 سېتىۋالغىلى بولىدۇ دېيىشكەن. ئاخىرىدا ئەسكەرتىپ قويۇشقا تىگىشلىكى، ئالما شىركىتىنىڭ قارىشىچە iPhone 6S Plus نىڭ باتارىيەسى يېتەرلىك چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭغا بۇنداق قوغداش قاپچۇقى سەپلەشنىڭ ھاجىتى يوقكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved