2015- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنى شىنجىن شەھەرىنىڭ گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدا ئالاھىدە چوڭ تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەردى. ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەدە يوقاپ كەتكەنلىكى بېكىتىلگەن ئادەمنىڭ سانى 77 گە يەتتى. 2016- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى سائەت 12 گە قەدەر تاغ گۈمۈرلۈپ چۈشكەن نەق مەيداندا جەمئىي 58 ئادەمنىڭ جەسىتى بايقالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 52 كىشىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن شۇ كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بېكىتىلدى، قالغان ئالتە كىشىنىڭ سالاھىيىتى تېخىچە بېكىتىلمىدى. يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش خىزمىتى يەنىلا جىددىي داۋام ئەتمەكتە. دوختۇرخانا جەمئىي بۇ ۋەقەدە يارىلانغان 17 كىشىنى قوبۇل قىلىپ داۋالىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 10 ئادەم دوختۇرخانىدىن چىقتى، 7 ئادەم تېخىچە دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
