ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا مونتپارناسسى 56 گۇرۇھى چىكاگو شەھىرىنىڭ جون خەنكوك مەركىزىدىكى ‹‹ چىكاگو 360 ›› ئاسمان پەلەك بىناسىنىڭ ئۈستى 305 مېتىر ئېگىزلىكىگە بىر ئالاھىدە مەنزىرە كۆرۈش سەھنىسىنى ياساپ چىققان . ساياھەتچىلەر ئەينەك ۋە پولاتتا ياسالغان بۇ سەھنىدە تۇرۇپ ، ‹‹ شامال شەھىرى ›› نىڭ مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنالايدىكەن .
مەنزىر كۆرۈش سەھنىسى 94-قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ساياھەتچىلەر دېرىزە يېنىدا تۇرغىنىدا ، يەر يۈزى سىرتقا قاراپ 30 گىرادۇس قىيپاشلىنىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ساياھەتچىلەر چىكاگونىڭ مەنزىرىسىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدىكەن . ئىگىلىنىشىچە بۇنداق مەنزىرە كۆرۈش سەھنىسى دۇنيادا بويىچە تۈنجى بولۇپ ، ھەر بىر ساياھەتچى ئۈچۈن بەش دوللار (تەخمىنەن 31 يۈەن خەلق پۇلى ) كىرىش پۇلى ئېلىنىدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved