ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئىتى» تورى 12-دېكابىر «جۇڭگو بىلەن ئۇرۇشۇشقا ياكى ئۇرۇشتىن ساقلىنىشقا سەۋەب بولىدىغان بەش تەرەپ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلغان.
1.ئازادلىق ئارمىيىنىڭ «رازۋېدكا-زەربە بېرىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» كارغا كېلەمدۇ؟
ئازادلىق ئارمىيىنىڭ «رازۋېدكا-زەربە بېرىش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى» سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان، بۇ سۈنئىي ھەمراھ، ماشىنا ئورنىتىش ۋە باشقا سېنزور؛ بىر قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش قۇرۇلمىسى؛ دۈشمەننىڭ دېڭىزدىكى قىسمى ۋە يىراق مۇساپىلىك پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جۇڭگو ئۇرۇش رايونى ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ھەمدە پاراخوتقا قارشى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ قويۇپ بېرىش مۇساپىسى، سۈرئىتى، تۈرى ۋە سانى جەھەتتىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
ھازىر ئېنىق بولمىغىنى ئازادلىق ئارمىيە شتاب خادىملىرى زادى قانچىلىك دەرىجىدە سېنزور تورى ۋە ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان «دېڭىزدا تاقابىل تۇرغۇچى ھەربىي كۈچ» ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى، يەنە بىر ئېنىق بولمىغان نۇقتا ئازادلىق ئارمىيىنىڭ تۈرلۈك يىراق مۇساپىلىك پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدىنىڭ دېڭىزدىكى يۆتكىلىۋاتقان ۋە مۇداپىئە ھالەتتىكى نىشانغا زەربە بېرىشتىكى ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى.
2. ئامېرىكا ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان مۇداپىئە سىستېمىسى كارغا كېلەمدۇ؟
ئاۋىئاماتكا ئارقىلىق ئەسكەر ئەۋەتىش ئامېرىكىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەندىزىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. 1996-يىلى تەيۋەن كرىزىسى ئەۋجىگە چىققاندا، ئامېرىكا ئىككى ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش توپىنى ئىشلىتىپ، جۇڭگونى چېكىنىشكە قىستىغان. باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىسىغا سېلىۋاتقان تەھدىتى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ھەربىي پاراخوتلار كرىزىس مەزگىلىدە بىر-بىرىگە ئۇچۇر يەتكۈزەلىگەن. ئەگەر ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشى توپىدىكى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدتىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسى كەلگۈسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرالمىسا، ئۇ چاغدا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ.
3. ئازادلىق ئارمىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدى غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بېرەلەمدۇ؟
ئامېرىكا ھەربىي ئانالىزچىلىرى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ غەربىي تىنچ ئوكياندىكى ھاۋا ئارمىيە ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسىنىڭ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلغان. ئامېرىكا ئەقىلدارلار ئۆمىكىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ترايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، كورېيە، ئوكىناۋا ۋە گۇئام ئارىلىدىكى مۇھىم ھەربىي بازىلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش ئىقتىدارى كۈندىن-كۈنگە ئاشقان.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە پىلانى تۈزگۈچىلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش رايونى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مۇداپىئە ئىقتىدارى، يۈرۈش يولى ۋە بازىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغان.
4. سېنزور تورى «ئەما قىلىش» پىلانى كارغا كېلەمدۇ؟
ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئازادلىق ئارمىيە ھەر ئىككىلىسى دۈشمىنىنىڭ جەڭگاھىدا ئاخبارات ئىگىلەش، ئالدىنقى سەپ قىسمىغا ئاخبارات يەتكۈزۈش ۋە مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا زەربە بېرىشنى پىلانلىغان. مەسىلەن، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى قايتۇرما زەربە بېرىش پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ھاۋاغا قەرەللىك كۆتۈرۈلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى 20- ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ سۈنئىي ھەمراھقا قارشى قورالنى سىناق قىلغان، دېڭىز ئارمىيىسى 2008-يىلى بىۋاسىتە ھاۋاغا كۆتۈرۈلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق يەر يۈزىدىن ئوربىتىدىكى تۈرلۈك رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھلىرىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىكەن.
5. ھۇجۇم خاراكتېرلىك تور ئۇرۇشى ئىستراتېگىيە نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
جۇڭگونىڭ توردا ئاخبارات يىغىشى ھەممىگە ئايان، لېكىن ئازادلىق ئارمىيە ئىشلىتىۋاتقان تور قورالى ئېنىق ئەمەس. جۇڭگونىڭ تور ئاخبارات ھەرىكىتى جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى تور بۇزغۇنچىلىقىغا ماھىر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە تورى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى بەزى ئەمەلدارلار بۇنى ئەزەلدىن تىلغا ئېلىپ باقمىغان ھەمدە بۇ خىل ئىقتىدارىنىمۇ ئاشكارىلاپ باقمىغان. ھۇجۇم خاراكتېرلىك تور ھەرىكىتى دۈشمەن ئىستراتېگىيىسىگە زادى قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھازىرغىچە سىر بولۇپ قالغان.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خەتەرلىك قارشىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرىقى بەش خىل نەزەرىيە تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئامال بار بۇرمىلىشى مۇمكىن ياكى بولمىسا باشقا تەرەپلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭى نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى ياكى توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسىگە بولغان گۇمانىنى يوقىتىۋېتىشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved