شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى تۇنجى مەيداندا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرىۋەتتى

سىنا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 ئۆتكەندە جۇڭگۇ ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى بىرىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى مېھمان بۇلۇپ دالىيەن ئاربىن كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا شىنجاڭ كوماندىسى 0-4 نەتىجىدە دالىيەن ئاربىن كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۇپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى مەغلۇبىيەت بىلەن باشلىدى.

 

مۇسابىقە باشلىنىپ 7-مىنۇتتا دالىيەن كوماندىسى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ئالدىدا قالايمىقانچىلىق پەيدا بولدى. قارشى تەرەپ توپچىسى رانىجى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ توپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. دالىيەن ئاربىن كۇلۇبى 1-0 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى.

 

27-مىنۇتتا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بېكى يەن جىيۈ خاتالىق سادىر قىلىپ مۇداپىئە قىلىۋاتقاندا توپنى ئۆز ۋاراتارىغا كىرگۈزۈپ قويدى.  دالىيەن ئاربىن كۇلۇبى 2-0 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى.

 

39-مىنۇتتا دالىيەن ئاربىن كۇلۇبىدىن بىلۇنو بىر توپ كىرگۈزدى.  دالىيەن ئاربىن كۇلۇبى3-0 شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان 3-0 ئاخىرلاشتى.

 

87-مىنۇتتا دالىيەن ئاربىن كۇلۇبىدىن زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان سۈن گوۋېن بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 4-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئاخىرىدا شىنجاڭ تەڭرىياغ يىلپىزى كۇلۇبى ساھىبخان مەيداندا 4-0 نەتىجە بىلەن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مەغلۇپ بولدى.

 

شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:

12-گۇ ۋېنجىيې.

2-ئەرپات مىجىت ( 80 مىنۇت بولغاندا دوڭ قىيۈەن ئورنىغا چىقتى.)

3-ۋۇ شى

5-جوۋ خېڭ ( 78 مىنۇت بولغاندا يەھيا ئورنىغا چىقتى.)

6-ۋىسىنت

8-ۋاڭ كاڭ.

11-شۈ جى.

21-توڭ شىياۋشىڭ( 65 مىنۇت بولغاندا شاۋكەت يالقۇن ئورنىغا چىقتى.)

22-يەن جىيۈ

9-فىلىپ

10-دانراخ

 

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بەش نەپەر ئۇيغۇر توپچىمىز چوڭ تىزىملىككە كىرەلمىگەن. چوڭ تىزىملىككە كىرگەن تۆت توپچىمىزدىن ئۈچى زاپاس ئەزا بولغان. پەقەت ئەرپات مىجىتلا ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان.



خەتكۈچلەر:
14-03-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: سىنا تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسى يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. يېرىم ھەل قىلغۇچ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىدە، مېھمان مەيداندا 1 : 2 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەدىكى بايرىن مىيۇ...
04-05-2016
     ئەتە سەھەر ئوينىلىدىغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، مانچېستىر شەھىرى مېھمان مەيداندا خانلىق مادرىد بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدىن ئىلگىرى كۆك ھىلال ئاي قوشۇنىنىڭ مۇداپىيەچىسى زابالېتا ئ...
04-05-2016
      قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى مىللىيچە چېلىشىشقا ئامراق ھەر مىللەت يوپۇغا خەلقى بۇ يىللىق ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئوغلانلار›› مىللىيچە چېلىشىش...
04-05-2016
     لېيچېستېر شەھىرى بۇ پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى، ئۇلارنىڭ مەشقاۋۇلى رانېرىمۇ بىرلەشمىنىڭ رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىدى. رانېرى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن ...
04-05-2016
    ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئىنگلاند زەردارى مانچېستېر شەھىرى كوماندىسى بىلەن 0-0 تەڭلىشىپ قالدى. ناۋادا ئەتە سەھەردە ئۆتكۈزۈلىدى...
04-05-2016
    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئاياللار ساھىل ۋالىبولى كوماندىسى بىلەن شىنجاڭ ‹‹ۋاڭيۈەن›› بىيو تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە قوللاش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى 26 – ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى...
02-05-2016
     تاقا كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ئىزچىل تۈردە كىشىلەر تەرىپىدىن «كوللىكتىپ ۋاسكېتبول» بىلەن «شەخسىي تالانت» نىڭ رىقابىتى دەپ قارىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردىكى ئۇچرىشىشىمۇ...
02-05-2016
     2015-2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلىنىشتىن بۇرۇن، AC مىلان كۇلۇبى 90 مىليون ياۋرو سەرپ قىلىپ بىر قانچە پۇتبولچىنى سېتىۋالغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى بىرلەشمىدىكى ئورنىغا قارىغاندا، 90 مىليون ياۋرو بۇ تارىخى ئۇزۇن...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
Powered by Leglek