پۇتبول دۇنياسى ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر
پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى 【يۇۋىنتىس كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن كارىيال كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتالماسلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.】 بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت ئىككىدە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى يۇۋىنتىس كۇلۇبى مېھمان بۇلۇپ كارىيال كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا تېۋىز بىر توپ كىرگۈزدى. بىدال يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا رولۇنتى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى. كارىيال كۇلۇبىدىن روستىن بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. ئاخىرىدا يۇۋىنتىس كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن كارىيال كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان ئۇتالماسلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى. 【مادرىد رىقابەت كۇلۇبى 2-2 نەتىجە بىلەن س دەرىجىلىك كۇلۇب بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ماندۇزىك ئىككى توپ كىرگۈزدى.】 بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت ئۈچ بولغاندا ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش 16 كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسى مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى كاردلون مەيدانىدا ئىسپانىيە س دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى ئوسپىتالىت كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا مادرىد رىقابەت كۇلۇبى 2-2 تەڭلىشىپ قالدى. بىراق ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشتىكى ئومۇمىي نومۇر 5-2 بولغاچقا قارشى تەرەپنى شاللىۋەتتى. 【ناپالوس كۇلۇبى 2-0 نەتىجىدە رەقىبىنى مەغلۇپ قىلدى. نومۇر تاختىسىنىڭ ئالدىنقى ئۈچىنچىلىك ئورنىغا قايتتى.】 بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ناپالوس كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى سان پاۋلو دا پارما كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا ناپالوس كۇلۇبى 2-0 نەتىجە بىلەن پارما كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ نومۇر تاختىسىنىڭ ئۈچىنچىلىك ئورنىغا قايتىپ كەلدى. 【ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى 16 كۈچلۈكنىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى: قوش مادرىدنىڭ ئۇچرىششپ قېلىشى】 ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش 16 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. كېيىنكى ئايلانمىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى بولسا قوش مادرىد كۇلۇبلىرىنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشى. مادرىد رىقابەت كۇلۇبى بىلەن خان مادرىد كۇلۇبى 8 كۈچلۈكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇچرىشىدۇ. 【دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپى ئېلان قىلىندى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى ئىككى دەرىقە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.】 خەلقئارالىق پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 2014-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. جۇڭگۇ دۆلەت كوماندىسى ئالدىنقى قېتىمغا قارىغاندا ئىككى دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بۇلۇپ بۇ قېتىمقى دەرىجىسى 97-ئورۇندا تۇردى. گېرمانىيە يەنە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇننى ئىگەللەپ تۇردى.


خەتكۈچلەر:
19-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەييارلىق خىزمىتىدىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ماھارەت تەنتەربىيەسى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ ئەيجيەننىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىك يىغى...
26-05-2016
    نېيمار بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە بارسېلونا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ داۋاملىق بارسېلونا كۇلۇبىدا قالىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە مېسسىنىڭ ھەقىقى 1-نومۇ...
26-05-2016
     ئامېرىكا لوڭقىسىنىڭ يۈز يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئاز قالدى، ئارگېنتىنالىق چولپان مېسسى زىيارەت ۋاقتىدا، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا لوڭقىسى چ...
26-05-2016
     «تەنتەربىيە سۈرەت گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دورتموند مەشقاۋۇلى تۇھېل بۇ يازدا بۆرە قەلئەسىدىكى گېرمانىيەلىك توپچى شۈرلېنى قوشۇۋالماقچى ئىكەن. شۈرلې 2015-يىلى 1-ئايدا 32 مىليون ياۋرو باھا بىلەن چېلسىدىن ئايرىلىپ ...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:       2016-يىلى 23-ماي ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى سېۋىللا ماھىرلىرى كوماندىنىڭ تەبرىكلەش ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ (Puerta Jerez) رايونىدىكى فونتان مەيدانىدا پۈتۈن شەھەر بوي...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسىنىڭ 24-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      لېيچىستېر شەھىرى كوماندىسى مۆجىزە يارىتىپ ئىنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، بىرلەشمىدىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبلار ئۇنىڭغا كۆز ت...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   ئەنگلىيەدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋانگالنى مەشقاۋۇللۇقتىن بوشاتقاندىن كېيىن، مەشقاۋۇل مورىنھو ۋە ئۇنىڭ ۋاسىتىچىسى مېندېز بىلەن كۆر...
25-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» خەۋىرى، پارىژ سانت گېرمان رونالدونى كوماندىغا يۆتكەپ كېلىپ ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىزباسارى قىلىش ئۈچۈن، رونالدوغا ئەسەبىيلەرچە با...
24-05-2016
  فىرانسىيە پارىژ شەھىرىدىكى قىستۇرما رەسىم ئۇستىسى يان
24-05-2016
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     مادرىد ئاتلېتىكا كۈچلۈك ئۇسلۇبىغا تايىنىپ بارسېلونا ۋە مادرىد بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرۇش ھالىتى پەيدا قىلدى، بۇ كوماندىنىڭ ئۆسمۈر قىزلار كوماندىس...
Powered by Leglek