لىۋان ئارمىيىسى 27-مارت شۇ كۈنى ئەتىگەندە چاقماق شەكلىدىكى ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، شەرقىي قىسىم ھەمدە سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلات ئىگىلىۋالغان بەزى جايلارنى قايتۇرۇۋالغانلىقى ۋە كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋان ئارمىيىسى چېگرا موداپىئە قاراۋۇللۇقى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر ھەمدە چېگرا رايوندىكى يېزىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش،تېررورلۇق تەشكىلات قۇراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ لىۋان ئارمىيىسى ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى قوللاندى.سۇرىيە كرىزىسىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشى ئارقىسىدا لىۋان بىلەن سۇرىيە چېگرا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇراللىق ئۇنسۇرلىرى ھەر ۋاقىت سۇرىيىدىن لىۋانغا يوشۇرۇن ئۆتتى ھەمدە چېگرا رايوندىكى قىسمەن تاغلىق رايوننى ئىگىلەپ ، لىۋاننىڭ چېگرا ئىچىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرى ۋە خەلق ئىشلىرى نىشانلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، كۆپلىگەن ھەربىيلەر پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش يارىلىنىش ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان لىۋان ئارمىيىسى ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايىتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved