جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا سەركەردىسى ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرسى بولغان مايۈن، زور بىر تۈركۈم شەخسىي بايلىقىنى چىقىرىپ، بىر جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندىنى قۇردى. بۇ بىر ئاسىيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ خەيرىيەت ئىشلىرى فوندىلىرىنىڭ بىرسى. كۆپلىگەن شەخىسلەرنىڭ قارىشچە، بۇ جۇڭگو بايلىرىنىڭ خەيرىيەت ئىشلىرى يېڭى زامانىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدىكەن.
ئالى بابا پەيشەنبە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈشچە، مايۈن ۋە سەي چوڭ شىن پۇل چىقىرىپ شەخسىي جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندى قۇرىدۇ، بۇ فوند(مەبلەغ) ئۇلارنىڭ ئالى بابادىكى بار بولغان قەرەللىك ھوقۇقىدىن كىلىدۇ، ئومومىي كۆلىمى ئالى بابا گورۇھى ئومومىي پىينىڭ ٪2 تىنى ئىگەللەيدىكەن. سەي چوڭ شىن بولسا ئالى بابانىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرسى.
ئالى بابانىڭ بازارغا چىقىشدىن بۇرۇن، جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندى قۇرۇشى، بەلكىم مايۈن ۋە ئالى بابانىڭ ئوبرازىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بولىدۇ.
ئالىملارنىڭ قارىشچە، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى ھازىرغىچە شەخسىي جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندى قۇرۇش ئىشلىرى ئارسىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىرىسى ھېسابلىنىدىكەن. سېلىشتۇرۇپ باقساق، <خەيرىيەت ساداسى گېزىتى> نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرستىلىشچە، 2013 - يىلى زۇكېر بېرىگ ئەر - خوتۇنىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قىلغان ئىئانىسى بىر مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئازراق يىقىنلىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئىئانە قىلىش رەت تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
باش شىتابى شاڭخەيگە جايلاشقان تەتقىق ئورگىنى خۇرۇن ئېلان قىلغان 2013 - يىللىق جۇڭگودىكى 100 باي ئىچىدە، مايۈن 29- ئورۇندا تىزىلىپ، مۆلچەرلەنگەن بايلىقى 4.05 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى چىققان.
مايۈن< ۋال كوچىسى كۈندىلىك گېزىتى> نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن دوسلىرى ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆپكە راكى ياكى جىگەر راكىغا گىرىبتار بولىشى ھوشيارلىقىنى ئاشۇرغان، ئۇنىڭ قارشچە، بۇنى مەلۇم دەرىجدىن مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، چوقۇم بەزەنلەر بىرەر ئىش قىلىشى كېرەك، مەن جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندىنى پىلانلىغان ۋاقتىمدا بىل گەيتىسنىڭ ياردىمى ۋە ئىلھاملاندۇرشىغا ئىرىشتىم. مېنىڭ خىزمتىم باشقىلارنى ھۇشىيار بولۇشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت.
ئۇنىڭ دېيشچە، جامائەت پاراۋانلىقى ھاۋالە فوندى داۋالاش، مۇھىت( ئاساسلىقى سۇ بايلىقى)، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەرگە كۈچ چىقىردىكەن.
كىشلەر ئارسىدىكى خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى جۇڭگودا ئەمدى بىخلىنىشقا باشلدى، ئەمما رېئاللىقتىكى ۋە سىياسەتتىكى نۇرغۇنلىغان توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ. جۇڭگو كومپارتىسى ھوقۇقنى مونۇپۇل قىلۋىلىپ، خەلق ئارسىدىكى تەشكىلاتلارغا ئىگىلىك ھوقۇقى بىرىشنى خالىمايدۇ. مانا ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات قۇرۇشنىڭ تەسلكى؛ كۆپلىگەن تەشكىلى ئورگانلار تىزىمغا ئالدۇرشىقا كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، ئەكىسچە قانۇن ئاساسى كەمچىل بولغان ئەھۋالدا تىجارەت قىلىش ياكى سودا كارخانىسى سالاھىيتىدە قۇرۇۋاتىدۇ.
مايۈن يەنە: ھۆكىمەت بىلەن قارشىلاشقۇم يوق، پەقەت ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئۇلار بىلەن ھەمكارلىششنى ئويلايمەن، دېدى.
مايۈن بۇ خەير - ساخاۋەت ئىشىلىرىغا تايىنىپ < دەۋىر> ژۇرنىلىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەر تىزىملىكىگە كىرگەن.
ئالى بابانىڭ تارىخىغا قاراپ باقساق، تۆت يىل بۇرۇنقى 2010 - يىلدا، ئالى بابا گورۇھى ئوچۇق قىلىپ، ھەر يىلى شىركەتنىڭ يىللىق ئومومىي تىجارەت كىرىمىدىن %3 نى ئاجىرتىپ، ئالى بابا جامائەت پاراۋانلىقغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved