پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشتا دەللىللەش ئېلىپ بارمىغان يولۇچىلار توردا بېلەت سېتىۋالالمايدىكەن

       بۇ ئىككى كۈندە، تېلېفۇن ئارقىلىق 12306 تېرمىنالىدا بېلەت سېتىۋالغاندا ئەسكەرتىش چىقىپ، تېلېفۇندا قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەش مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇخبىرلارنىڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، بۇ سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوش يۆنىلىشتە دەللىللىنىپ بولغاندىن كېيىن، يولۇچىلار ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ تېلېفۇندا بىۋاسىتە تىزىملىتالايدىكەن.

   12306 قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەش قىسقا ئۇچۇرى

   تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن بۇرۇن دەللىللەش تاماملىنىدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەتىدىن باشلاپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن يولۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن توردا بېلەت سېتىۋالالمايدىكەن.

   توردا بېلەت سېتىۋالغاندا، مەيلى كومپىيوتېر ياكى تېلېفۇن تېرمىنالى بولسۇن، تىزىملاتقان ۋاقىتتا كىملىك نومۇرى بىلەن تېلېفۇن نومۇرىنى قالدۇرىدىغان بولۇپ، تېلېفۇن نومۇرىدا بېلەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەشتە، كىملىك نومۇرى ۋە تېلېفۇن نومۇرى باغلىنىدىكەن.

   ئەسكەرتىشكە ئاساسەن، ئابونت دەسلەپتە تىزىملاتقاندا قالدۇرۇپ قويغان تېلېفۇن نومۇرىدا «999» نى 12306 غا يوللاپ، تاپشۇرۇۋالغان دەللىللەش نومۇرىغا ئاساسەن، كىملىك ئۇچۇرى ۋە تېلېفۇن ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ دەللىللەش ئاخىرلىشىدىكەن، ئاندىن 12306 تور بېكىتىدە ياكى تېلېفۇن تېرمىنالىدا قايتا تىزىملىتىدىكەن.

   تىزىملىتىشقا قولايلىق يارىتىلىشتىن باشقا، قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەشتە يەنە بىر مۇھىم ئىقتىدارى كىملىك نومۇرىنىڭ سۈيئىستېمال قىلىنىشى ياكى ئوغرىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.

   تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، ناۋادا قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەشتە «كىملىك ئۇچۇرىنى قايتىلاڭ» دېگەن ئەسكەرتىش كۆرۈنسە، مەزكۇر كىملىكتە باشقىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن، بۇ ۋاقىتتا ئىناۋەتلىك كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلىپ ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىدە قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، باشقىلارنىڭ بېجىرىشىگە ھاۋالە قىلىشىغا بولمايدىكەن. كۆزنەكتە بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تىزىمغا ئالدۇرغان ئابونت 12306 تور بېكىتىدە كىملىك ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىدىكەن.

   نۆۋەتتە تۆمۈر يول تارماقلىرى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان يولۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن قانداق قىلغاندا توردا بېلەت سېتىۋالالايدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىۋېتىپتۇ.

   نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، قوش يۆنىلىشلىك دەللىللەش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھازىرقى ۋوگزالغا كىرىش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بېلەت، كىملىك، ئادەم بىردەك بولغاندىلا، ئاندىن ۋوگزالغا كىرەلەيدىكەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا بېلەت سېتىۋالغۇچى بىلەن كىملىك ۋە بېلەت ئۇچۇرى بىردەك بولغاندىلا ئاندىن ۋوگزالغا كىرەلەيدىكەن، بولمىسا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا توسۇۋېلىنىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئەگەر ئۇچۇر بىردەك بولمىسا، ۋوگزالغا كىرەلمەي قېلىشتەك ئوسال ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 2016-يىل «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا 30-ئاپرېل سائەت 0:00 دىن باشلاپ 2-ماي سائەت 24:00 گىچە كىچىك تىپ...
27-04-2016
     ھاراق كىشىلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، كۆڭلىنى ئازادە قىلىدىغان ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى،  ماشىنا سىرتلارغا چىقىشتىكى زۆرۈر قاتناش قورالى، ھەر ئىككىلىسى كىشىلەرنىڭ  تۇرمۇشىدىكى مۇھىم نەرسە بولۇپ، ئىنسانلارغا خىزم...
27-04-2016
شوپۇرلار: 1. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بېزىندە تاقىمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. 2. شەھەر ئىچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بېزىندە تاقىمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. 3. ب...
27-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كامبودژادا نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقان بىر ئاپتوموبىلنىڭ چاقى پارتلاپ كېتىپ، ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 64 ئادەم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلانغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ...
27-04-2016
    تەيۋەندىكى <ئېلىكتىرون ۋاقىت گېزىتى> نىڭ 4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى بىر ئايرودروم خىزمەتچىسى ئۆزىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، دەرھال ئايرودرومغا توپا كول...
27-04-2016
     4-ئاينىڭ 26-كۈنى خەۋىرى:بۈگۈن كەچ سائەت يەتتىلەردە، لۇياڭ كۆۋرۈكى غەربىي يولىنى بويلاپ جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر كۆك رەڭلىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسى لۇياڭ كۆۋرۈكىگە كەلگەندە توساتتىنلا پىيادىلەر يولىدىن ئ...
27-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 8:00دە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ دوڭجى ناھىيە بازىرىدىكى دەريا بويى ئەتراپىدا بىر ماشىنا كونتروللۇقىنى يوقۇتۇپ دەرياغا كىرىپ كەتكەن. ماشىنىدىكى ئەر  دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان. ۋەقەدىن كېيىن شۇ يە...
26-04-2016
شەنشى ۋېينەنلىك بىر ئەر 24-ئاپرېل كەچتە دوستىنىڭ ئېتىنى مىنىپ يولدىن توغرىسىغا ئۆتىۋاتقاندا ماشىنىغا سوقۇلۇپ ئېتى ئۆلۈپ، ئۆزى يارىلانغان. قاتناش تارماقلىرى ھازىر ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ، ساقچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: بىخەت...
26-04-2016
   نۇر تورى تەرجىمىسى: 2016-يىلى 22-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت يەتتىلەر ئەتراپىدا، ۋۇشى شەھىرىدە بىر كىچىك ماشىنا بىلەن بىر مىنىبۇس ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل سوقۇلۇپ، ئارقىدىنلا مىنىبۇسقا ئوت كېتىپ كۆيۈشكە باشلىدى. نەق مەيداندا ئۆز كۆزى بىلەن كۆ...
26-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 22-ئاپرېل، كولۇمبىيە مېدېللېندا «ئاپتوموبىلسىز كۈن» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «يېشىل يول يۈرۈشى»گە ئىلھام بېرىلدى.
Powered by Leglek