ياپۇنىيە ئىقتىسادىي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، توكيو UFJ بانكىسى تىجارەت زالىدا ئابۇنتلارنى كۈتۈۋالىدىغان مۇلازىمەتچى ماشىنا ئادەمنى سىناق قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان . بۇ يىل باھار پەسلىدە توكيودىكى بارلىق تارماق بانكىلاردا سىناق قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى رەسمىي سېتىۋېلىپ ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. توكيو UFJ بانكىسى بۇ خىل يۇقىرى تېخنىكىنى ئىشلىتىپ بانكا مۇلازىمەت زالىنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلغان .
ئۇلار سىناق قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان ماشىنا ئادەم بولسا فرانسىيە Aldebaran شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان NAO ناملىق ماشىنا ئادەم ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 58 سانتىمېتىر ، ئېغىرلىقى 5.4 كىلوگرام، بۇ خىل ماشىنا ئادەمنىڭ چىراي ۋە رەسىمنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى بولغاندىن سىرت يەنە 19 خىل تىلدا سۆزلىيەلەيدۇ. توكيو UFJ بانكىسى بۇ خىل ماشىنا ئادەمگە يېڭىچە ئىقتىدارلارنى قوشقاندىن كېيىن ماشىنا ئادەم ئابۇنتلار بىلەن سۆزلىشىپ كەسپ بېجىرىش تەرتىپلىرىنى تونۇشتۇرالايدۇ، ئابۇنتلارنىڭ بانكا تورىدىكى مەشغۇلات خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارغا ھۆكۈم قىلالايدۇ ۋە ئالدىنى ئالالايدۇ. 2020-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى توكيودا ئۆتكۈزۈلمەكچى ، بۇ خىل تېخنىكا كەلگۈسىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى كەلگەن ھەر دۆلەت تاماششىبىنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved