2015-يىلى چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنى (4-فېۋرال) دە لياۋنىڭدىن كەلگەن مېھمان دۇڭ گوجيا بېيجىڭغا ماڭىدىغان پويىزغا بالدۇرلا چىقىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ يۈك-تاقىسى ئارىسىدا بىر ئالاھىدە سوۋغا ـــ شىنجاڭنىڭ چىلان سوۋغاتلىقى كۆپىيىپ قالغان ئىدى.
چاغانلىق يولۇچى توشۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانىسىسى جەنۇبىي ۋوگزالى ‹‹يەكەن دەرياسىدىن سىزگە سالام›› ـــ يېڭى باھاردا چىلان ئارقىلىق بەخت تىلەش پائالىيىتىگە جور بولۇپ، 100 چىلان سوۋغاتلىقىنى يولۇچىلار ۋە جەنۇبىي ۋوگزالدىكى خىزمەتچىلەرگە سوۋغا قىلىپ، ئۇلارغا يېڭى باھاردا بەخت تىلىدى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى جەنۇبىي ۋوگزال كۈتۈش زالىدا خىزمەتچى خادىملار بۇ چىلان سوۋغاتلىقلىرىنى يولۇچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدى. يولۇچىلار سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ بۇ سەمىمىي كۆڭۈل سوۋغىسىنى يۇرتىغا ئېلىپ بېرىپ يېقىنلىرى بىلەن بىرگە بەھرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved