جۇڭگو ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى، جۇڭگو موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاپتوموبىل تەنھەرىكىتى بىرلەشمە جەمئىيىتى، شىنجاڭ موتوسىكلىت تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش شىركىتى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن 2015-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسىنىڭ بىرلەشمە يول تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى سەپەر تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، 9-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە سارىيىغا يىغىلدى، ئۇلار ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە يول تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يول تەكشۈرۈش خىزمىتى گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، بايىنغۇلىننىڭ خوشۇت ناھىيەسى، تۇرپان ۋىلايىتى، قومۇل ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى، ئالتاي رايونى قاتارلىق جايلاردا 20 كۈن، ماينىڭ باشلىرىغىچە يول تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇ يىلغا قەدەر ئۇدا 10 نۆۋەت كەسكىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى 20-ئىيۇن بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدە باشلىنىدۇ. مۇسابىقە ئومۇمىي مۇساپىسى جەمئىي 5500 كىلومېتىر بولۇپ، توققۇز مۇسابىقە بۆلىكىگە بۆلۈنىدۇ، ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 3000 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى %30 نى، يەنى 1000 كىلومېتىرنى ئىگىلەيدۇ، ئالاھىدە يىراق بولغان مارافونچە مۇسابىقە بۆلىكى 600 كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved