جاھان ئاگېنتلىقى 25-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتى بالىلار ياردەم فوندى ئىراق مەركىزى ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە ئىراق كۈرت رايۇنلۇق ھۆكۈمىتى مائارىپ مىنىستىرلىكى بىلەن تەييارلىغان دوكلاتتا ئىراق مىقياسىدا مەكتەپكە بارالمىغان بالىلارنىڭ سانىنىڭ 1 مىليون 185 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئاشكارلىدى. ئىراقتا ئەسەبىي رادىكال ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئىراق ئارمىيىسىنىڭ تۈرلۈك توقۇنۇشلىرى سەۋەبلىك بالىلار نىسبىتىنىڭ يۈزدە 20% سى مەكتەپكە بارالمايۋاتىدۇ. پايتەخت باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ، ب د ت بالىلار ياردەم فوندىنىڭ ئىراقلىق مەسئۇلى Ikem Gagna تەييارلىغان دوكلاتنى ئاشكارىلاپ، « بۇ دوكلات ئىراقنىڭ مائارىپ ساھەسىدە بىر پالاكەتنىڭ ئىشارىتى سۈپىتىدە قىزىل رەڭلىك قوڭغىراق چالماقتا» دېدى. Ikem Gagna ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئىراقلىقلارنىڭ يۈزدە 20% نىڭ بىلىمسىز قالىدىغانلىقىنى، ئىراق مىقياسىدا ساۋاتسىز كىشىلەرنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن بالىلارنى مەكتەپكە بېرىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە بۇ ھەقتە مەخسۇس پىلان تۈزۈلىشى، مەكتەپ بىلەن مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ تېخىمۇ ماسلىشىشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى. ئىراقتا مەكتەپكە بارمايدىغان 6 ~11 ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ سانى 485 مىڭ بولۇپ، مائارىپتىن مەھرۇم قالغان قىزلارنىڭ سانى ئوغۇللارغا نىسبەتەن تېخىمو كۆپ ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved