12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن سائەت 7، سىچۈەن ئۆلكىسى دېياڭ شەھىرىدىكى شۈيوڭ قېيىن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۆينىڭ خارابىلىككە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.
«قېيىنئاپام ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن، ئاقىۋەتتە ئۆيى چېقىلىپ كېتىپتۇ». شۈيوڭ ئەر-ئايالنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقى كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە تەرەققىيات سودىگەرى قېيىن ئاپىسىنىڭ ساياھەتكە چىقىپ كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، قېيىن ئاپىسىنىڭ بىر قەۋەتلىك ئۆيىنى چېقىۋەتكەن. بۇ چاغدا ئەھۋالدىن قىلچە خەۋەرسىز بولغان خېشيەنشيۇ گۇيجۇدا ساياھەت قىلىۋاتاتتى.
بۇنىڭغا نىسبەتەن تەرەققىيات سودىگىرى چېقىش - كۆچۈرۈشكە مەسئۇل خادىم لى چياڭنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئىكەن. خېشيەنشيۇنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئۆيى يېرىم ئاي بۇرۇنلا چېقىش ۋە كۆچۈرۈشكە دېيىشىپ قويغان بولۇپ، ئىككى ئۆي تۇتاشتەك كۆرۈنگەچكە، ئىشچىلار بىر ئۆي ئوخشايدۇ دەپ چېقىۋەتكەن. تەرەققىيات سودىگەرى چېقىۋېتىلگەن ئۆينىڭ ئىگىىسى بىلەن تۆلەم ئىشلىرىنى كېڭىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۈيوڭنىڭ دېيشىچە ئۆينىڭ كۆلىمى 200 كۋادىرات مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە بىر ھويلىسى بار ئىكەن. «تەرەققىيات سودىگەرى بىز بىلەن بىر قانچە قېتىم پاراڭلاشقان، ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاچقا، بىز چېقىشقا ئۇنىماي ئىمزا قويمىغان». شۈيوڭنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان تەرەققىيات سودىگەرى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغان بولۇپ، قېيىن ئاپىسىنىڭ ئۆيدە يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆينى چېقىۋېتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.
12-ئاينىڭ 2-كۈنى، تەرەققىيات سودىگىرى چېقىش - كۆچۈرۈشكە مەسئۇل خادىم لى چياڭ خۇاشى مەركىزىي شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۆينى ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنىڭ چاققانلىقى، ئەمما خاتا چېقىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. تەرەققىيات سودىگەرىنىڭ «خاتا چېقىپ قويغانلىقى» نى شۈيوڭ ئەر-ئايال پەقەتلا قۇبۇل قىلالمىغان، ئۇلار تەرەقىيات سودىگەرىدىن ئۆينى ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نۆۋەتتە، ساقچىلارمۇ تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن.
خۇەيئەن شەھىرى ئىقتسادىي تەرەققىيات رايونى نەنماچاڭ يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ياڭمېينىڭ نەچچە كۈندىن بۇيان كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى. 190 كۋادىرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيى كۈندۈزدە ناتونۇش كىشىلەر تەرىپىدىن چېقىۋېتىلگەن. چېقىش جەريانىدا ئىككىنچى قەۋەتتە تۇرىدىغان ياڭمېينىڭ قېيىن ئاپىسى بۇلار تەرىپىدىن تالاغا چىقىرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۆيىدىكى بىساتلارنىڭ ھېچقايسىسىنى ئېلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن مەيلى شۇ يەرلىك يېزىلىق ھۆكۈمەت بولسۇن مەيلى دېھقانلار بولسۇن ھېچكىم ياڭمېينىڭ ئۆيىنى كىمنىڭ چاققانلىقىنى بىلمىگەن. ياڭمېينىڭ ئۆيىدىكىلىرى نائىلاج نەنماچاڭ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلغان. ياڭزى كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرى نەچچە كۈن ئۇدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەنماچاڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ساقچىخانىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن قارىشىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بايقىغان.
75 ياشلىق موماي يېيەنچيۇڭ ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە يۈز يىلغا يېقىن تارىخقا ئىگە ئۆيىنىڭ يېرىمى چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن. موماي شۇ يەردىكى چېقىش -كۆچۈرۈشكە مەسئۇل ئىشخانىغا بارغان، ئەمما مەسئۇل رەھبەر كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان. بىر ياش خىزمەتچى خادىم ئاقلاپ بۇنىڭ چېقىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى، چېقىش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ خاتا چېقىپ قويغانلىقىنى دېگەن.
«بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۇخلاۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز بىر تۈركۈم كىشىلەر كىرىپ بىزنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن توپا تۈرتۈش ماشىنىسى بىلەن ئۆيىمىزنى تۈزلىۋەتتى، كومپىيۇتېر، توڭلاتقۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئىچىدە قالدى». 5-ئاينىڭ 13-كۈنى سەھەردە، كەيفېڭ شەھىرىدىكى بىر ئايال ئۆزى يولۇققان قىسمەتنى سۆزلەۋاتتى. مۇخبىر شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇلوۋ رايونلۇق ھۆكۈمەتكە زىيارەتكە بارغاندا، بىر مۇئاۋىن رايون باشلىقى مۇخبىرغا بۇ ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ چېقىش شەرتىنى ھازىرلىمىغانلىقى، تەرەققىيات سودىگەرىنىڭ چېقىش جەريانىدا «خاتالىشىپ» قالغانلىقىنى ئېيتقان. گۇلوۋ رايونىنىڭ مۇئاۋىن رايون باشلىقى جاڭيوڭچېڭ مۇنداق دېگەن:«رايونلۇق ھۆكۈمەت مۇنداق ئۈچ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچىسى ۋېنشىڭ شىركىتى گۇمەنشىڭنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆزرىخاھلىق سورايدۇ، ھۆكۈمەت ۋېنشىڭ شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. ئىككىنچى، ۋېنشىڭ شىركىتى گۇمەنشىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ياتاق ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئاۋۋال ئۇلارغا 3000 يۈەن تۇرمۇش خىراجىتى بېرىدۇ. ئۈچىنچى، گۇلوۋ رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىدە چوقۇم گۇ ئائىلىسىگە ئىگە بولىدۇ».
![]() |
خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بىڭجۇ بۆلىكىدە دېڭىز يۈزىدە مۇز پارچىلىرى لەيلەپ يۈرمەكتە.
20-يانۋار «قاپاق ياردى» مەزگىلى كىرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شەندۇڭ بۆل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved