ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەلىك ئۈچ ئەردىن تەركىپ تاپقان ‹‹ ھامىلدار ئەرلەر ئەترىتى ›› ھامىلدارلارنىڭ قورسىقىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان ‹‹ قورساق ›› نى بىر ئاي تاقاش ئارقىلىق ئانىلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. ئەمما كىشلەر ئۇلارنىڭ بەدىنىگە تېڭىلغان بۇ 33 قاداق قورساق ( تەخمىنەن 15 كىلوگىرام ) بىلەن ئانىلارغا بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلىگىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا تۇغۇت ئازابىنى تارتىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان.
بۇ ئۈچەيلەن ئالاھىدە ئۈسكۈننىڭ ياردىمىدە ئېلېكتىر ئېقىمىدا تەقلىد قىلىنغان تۇغۇت ئاغرىقىنى سىناپ كۆرگەن. ئالاقىدار ۋىدىئودا بۇ ‹‹ دادىلار ›› ئاغرىق دەستىدىن تولغۇنۇپ، ۋارقىراپ تۇغۇت ئۆيىنى بىر ئالغان، بۇ كۆرۈنۈش خۇددى ‹‹ جىن ھەيدەش ›› كىنوسىدا تېنىغا جىن كىرىۋالغان ئادەملەرگە ئوخشاپ قالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەن بۇ قېتىملىق ‹‹ سەزگۈزەشتە ›› سىنى توك سوقۇۋەتكەندىن كېيىنكى قايتا تىرىلىشقا ئوخشاتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved