جاھان ئاگېنتلىقى 20-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق خىزمىتى ئالاھىدە ۋەكىلى نكولاي ملادىنوۋ، ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايۇن قۇرۇش قارارىنى ئەيىبلەپ، «ئولتۇراق رايۇن قۇرۇش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر» دېدى. ملادىنوۋ 60 يىلدىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان بۇ مەسىلىنىڭ توقۇنۇشنى تېخىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقى ۋە رايۇننىڭ تېنچلىقىنى خەتەرگە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ بۇ مەسىلىگە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن قايتىدىن مۇزاكىرە باشلىشىنى تەلەپ قىلدى. ملادىنوۋ،ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئولتۇراق رايۇن قۇرۇش پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، « ئىسرائىلىيە يېڭى ھۆكۈمىتىگە سۆھبەت مۇساپىسىگە قايتىش ئۈچۈن ئولتۇراق رايۇن قۇرۇش پائالىيتىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى. ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئائىت ئۆي ۋە قۇرۇلۇشلارنى چېقىپ يېڭى ئولتۇراق رايۇن قۇرۇش پائالىيتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈپ بۇ ھەرىكەتتىن توختاش ھەققىدە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە نۇرغۇن قېتىم چاقىرىق قىلغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved