تۈركىيىنىڭ سودا پاراخوتى بىلەن بېلىزنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىۋالغان بىر پاراخوت سوقۇشۇپ كەتتى
سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى خەۋەردە دېيىلىشىچە شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت دەككىزلەردە تۈركىيىنىڭ بىر سودا پاراخوتى بىلەن بېلىزېنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىۋالغان يەنە بىر سودا پاراخوتى لاۋېنام پورتىدىن 5 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۇ تەۋەسىدە سوقۇلۇپ كېتىپ تۈركىيە سودا پاراخوتى سۇغا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتا 11پاراخوت خادىمى بار بۇلۇپ ئۇنىڭ بەشى ئامان قېلىپ ،ئىككىسى قازا قىلغان ،نۆۋەتتە يەنە تۆت ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق .
ئىتالىيە پورت ئىشلىرى ئىدارىسى ساقچى دائىرلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ئورگىنى كۆپلىگەن پاراخوت ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئاجرىتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان بولسىمۇ لېكىن شۇ كۈنى قار يېغىپ شۇ ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەسىنى قۇيۇق تۇمان قاپلىغاچقا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .ئىتالىيە تەپتىش تارمىقى ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشكە كىرىشكەن ،يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ قېتىمقى پاراخوت سوقۇلۇش ۋەقەسى سۇ تەۋەسىدە تۇمان قۇيۇق بۇلۇپ كۆرۈش دائىرىسىنىڭ تار بۇلىشىدىن كېلىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن
.شۇ يەر ۋاقتى 28-دېكابىر، ئىتالىيىنىڭ راۋىنا شەھىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى پاراخوتنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 2 ئادەم ئۆلگەن، 4 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ئېگىلىنىشىمىزچە، شۇ كۈنى سەھەر سائەت 8 لەر ئەتراپىدا تۈركىيىنىڭ بىر سودا پاراخوتى بېلىزنىڭ بايرىقىنى ئېسىۋالغان يەنە بىر سودا پاراخوتىغا سوقۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، تۈركىيە پاراخوتى چۆكۈپ كەتكەن، پاراخوتتىكى 11 ئادەمنىڭ بەشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان، ئىككەيلەن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، 4 كىشى يوقاپ كەتكەن.
ئېگىلىنىشىمىزچە، ئىتالىيە كۆپلىگەن قۇتقۇزۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، يەنە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارمۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتناشقان. ۋەقە نەق مەيداندا تۇمان كۆپ بولغانلىقتىن سادىر بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved