جۇڭگۇ دۆلەت پۇتبول كوماندىسى Nike بىلەن توختاملاشتى

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

1-ئايننڭ 5-كۈنى Nike شىركىتى بىلەن جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت توختىمى تۈزدى. شۇنىڭ بىكەن Nike شىركىتى « جۇڭگۇ كوماندىسى » نىڭ جابدۇقلىرىنى تەمىنلىگۈچى شىركەتكە ئايلاندى. بۇ توختام 2026-يىلىغىچە تۈزۈلدى. Nike شىركىتى بۇ توختام ئۈچۈن بىر مىلىياردتىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى.

 

بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگۇ پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەۋەلىكىدىكى 12 دۆلەت كوماندىسى خاراكتېرىدىكى كوماندىلارنىڭ ھەممىسى Nike ماركىسىدىكى جابدۇقلارنى ئىشلىتىدۇ. يېڭى جابدۇقلارنىڭ تۇنجى قېتىم كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغان ۋاقتى بولسا 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى جۇڭگۇ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە نامايەن بولىدۇ. جۇڭگۇ دۆلەت پۇتبول كوماندىسى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى رەسمىي ھالدا يېڭى پۇتبول كىيىملىرىنى كىيىدۇ.

 

بۇنىڭدىن بۇرۇن جۇڭگۇ دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئادىداس ( Adidas ) شىركىتى بىلەن 30 يىل ھەمكارلاشقانىدى. بۇ قېتىم ھەمكارلىقنىڭ ئاخىرلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىككى تەرەپ باھا مەسىلىسى ئۈستىدە بىرلىككە كېلەلمىگەن.



خەتكۈچلەر:
06-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 00:45 دە، 2015-2016-پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە مانچىستىر شەھىرى كوماندىسى بىلەن خان مادرىت ئوتتۇرىسى...
26-04-2016
  25-ئاپرېل، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى يېڭى نۇسخىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەلگىسىنى ئېلان قىلدى. كۆك رەڭلىك چاسا شەكىللەردىن تەشكىل تا...
26-04-2016
ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ 35-ئايلانمىسىدا، رىم ئۆز مەيدانىدا 1-0 نەتىجىدە ناپولىنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن تاغىل ئات قوشۇنى يۇۋېنتۇس ئۈچ ئايلانما بۇرۇن 2015-2016-پەسىللىك ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ، ئۇدا بەش نۆۋەت بىرلە...
24-04-2016
    4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا گېھون رىقابەت بىلەن مۇسابىقىلەشتى....
24-04-2016
    2016-يىلى 24-كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى كەچ 3:00 دە، 2015-2016 پەسىللىك فىرانسىيە ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينالدى. مۇسابىقىدە سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن لىللې كوماندىسى رىقابەتلەشتى.  &nb...
24-04-2016
4-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دە، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 35-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كۆك قوشۇن چېلسى مېھمان مەيداندا بورنېموس بىلەن مۇسابىقىلەشتى. بۇ ئى...
17-04-2016
   ئىتالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ئىتالىيە بىرلەشمىسى كېلەركى مۇسابىقە پەسىلىدىن باشلاپ سىن لېنتىسىنى قايتا قويۇش ئارقىلىق رېپېرنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا-خاتالىقىغا قارار چىقىرىشنى سىناق تەر...
17-04-2016
ئىسپانىيە تاراتقۇسى: رونالدو دائىم نۇقتا توپقا ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. ئۇ بەك شەخسىيەتچى!     پورتۇگالىيەلىك چولپان كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئېھتىمال گېرمانىيەدىكى بۆرە قەلئەسى كوماندىسى بىلەن ئوينالغان مۇسابىقىدە قالپاق ئۇيۇنى...
03-03-2016
 ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 2-مارت  خەۋىرى؛   2016-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچ،   2015 – 2016 – يىللىق CBA (جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى) پەسىلدىن كىيىنكى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچۈنچى ئۇچرىشىش مۇسابىق...
02-03-2016
 شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.   1 – مارت 2015 –2016 – يىللىق جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA) ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مە...
Powered by Leglek