سنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
جۇڭشىن تورى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلىگىراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نېپال ساقچى تەرەپ مۇنداق دىگەن: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 7000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان.
ساقچى ئەمەلدارى بابۇ كەنجى گىرى مۇنداق دېدى: قۇتقۇزغۇچى خادىملارنىڭ خارابىدە تېخىمۇ كۆپ جەسەتلەرنى تېپىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 7040 قا يەتتى.يەنە 14123 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، 6512 نەپەر ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتتىق تەۋرەش يۈز بېرىپ بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، پايتەخت كاتماندۇدىكى تۇرمۇش ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئاپەت ئېغىر بولغان شىندۇپەرچاك قاتارلىق تاغلىق شەھەر- بازارلاردىكى قۇتقۇزۇش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى پايتەخت كاتماندۇدىن كۆرۈنەرلىك ئاستا بولماقتا.
ھازىرغىچە، جۇڭگو ،رۇسىيە ،پاكىستان ،بېنگال ،سىنگاپور ،ھىندىستان ،ياپونيە، ئامېرىكا، قاتارلىق دۆلەتلەر قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خادىملىرىنى نېپالدىكى يەر تەۋرەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.ب د ت دىكى مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلارمۇ نېپالدىكى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بەرمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved