سۆڭەك شالاڭلىشىش بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك، كېسەللىك سەۋەبى مۇرەككەپ ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، نۆۋەتتىكى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، بۇ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا تۆۋەندىكى پرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش لازىم.
1. ھەرقانداق ئەھۋالدا بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تەكىتلەپ يەنە بىر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.
2. بۇ كېسەللىكنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى ئالاھىدە تەكىتلەش زۆرۈر.
3. بۇ كېسەللىك بىر خىل ئىلگىرىلەشچان خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىدىغان كېسەللىك، شۇڭلاشقا داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش باسقۇچىنى تاللاشتا جەزمەن داۋالاش ئۇسۇلىنى ئويلىشىش لازىم.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
ياشانغانلاردىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا تۇزى كەمرەك، تەركىبىدە كالىي ۋە كالتسىي مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە داۋالاپلا قالماستىن يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكلىرىگىمۇ پايدىلىق. ياشانغانلاردا يۇقىرى قان بېسىم، تاجسىمان يۈرەك كېسەللىكى، دىۋەڭلىك كېسەللىكى قاتارلىقلار كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ. شۇڭلاشقا باشقا ئەزالارانىڭ ئىقتىدارىنى ساقلاپ بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە خەتەرلىك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ھەرىكەت قىلىپ بېرىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئەگەر بىماردا خولىستېرىن تەركىبى يۇقىرى بولساStatin –他汀类 تۈرۈدىكى قاندىكى ياغ تەركىبىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىچىپ بېرىش لازىم. بۇ دورىلارنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشقا ۋە قېرىشقا قارشى تۇرۇش رولىمۇ بار.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved